باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مەمۇرىيەت ئىشلىرى يېڭى تاراتقۇلىرىنىڭ ساغلام ۋە تەرتىپلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.12.28 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مەمۇرىيەت ئىشلىرى يېڭى تاراتقۇلىرىنىڭ ساغلام ۋە تەرتىپلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: چوقۇم يولداش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19ـ قۇرۇلتىيى ۋە 19ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىيەت ئىشلىرىنى ئاشكارا تۇتۇش ۋە مۇلازىمىتىنى ياخشىلاشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تەدبىر ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توردا قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، تورغا قارىتىلغان ئىدېئولوگىيەلىك مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى مەمۇرىيەت يېڭى تاراتقۇلىرىنىڭ ساغلام ۋە تەرتىپلىك تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ تورغا بولغان مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىدىكى ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، كارخانىغا پايدىلىق ۋە خەلققە قولايلىق بولغان، يارقىن نۇقتىلار گەۋدىلەندۈرۈلگەن ۋە خەلق رازى بولىدىغان «بارماق ئۇچىدىكى تور ئۈستى ھۆكۈمەت»نى بەرپا قىلىشقا تىرىشىش كېرەك. 2022ـ يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مەمۇرىيەت يېڭى تاراتقۇلىرىنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلغان ھالدا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان، يېڭىلىق ياراتقان رەۋىشتە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ۋە يۇغۇرما ھالەتتە ھالدا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان يېڭى بىر ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلار ۋە تارماقلار چوقۇم مەزمۇن قۇرۇلۇشىنى ئاساس قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېلان قىلىش، تارقىتىش، تۈرتكە بولۇش، يىتەكلەش ۋە ئىش بېجىرىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدارلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كارخانا ۋە ئاممىنى تېخىمۇ قولايلىق بولغان ۋە ئەسقاتىدىغان كۆچمە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. مەمۇرىيەت چوقۇم يېڭى تاراتقۇلار ئارقىلىق مەمۇرىيەت ئىشلىرىدا ئاشكارا بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چۈشەندۈرۈپ ئىنكاس قايتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋازىنى پائال تارقىتىش كېرەك؛ ھۆكۈمەت ۋە خەلق ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، توردىكى ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىش كېرەك؛ خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئالىقان مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى «ئالىقان ئۈستىدە بېجىرىش»نى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تارماقلىرى مەمۇرىيەتنىڭ يېڭى تاراتقۇلىرىنى تەسىس قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى تەرەپ سۇپىسى چوقۇم كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەتنى سىجىل ياخشىلاپ، مەمۇرىيەت يېڭى تاراتقۇلىرىنىڭ خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر