باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ھىندونېزىيەنىڭ سۇندا دېڭىز بوغۇزىدا يۈز بەرگەن دېڭىز سۇنامى تاشقىنى ئاپىتىگە قارىتا، شى جىنپىڭ ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكوغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2018.12.25 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئاينىڭ 24- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھىندونېزىيەنىڭ سۇندا دېڭىز بوغۇزىدا يېقىندا يۈز بەرگەن دېڭىز سۇنامى تاشقىنى ئاپىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكوغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن ھىندونېزىيەنىڭ سۇندا دېڭىز بوغۇزىدا دېڭىز سۇنامى تاشقىنى ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئېغىر تالاپەتلەر ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى كېلىپ چىققانلىقىنى ئاڭلاپ، چۆچۈپ تەئەججۈپلەندىم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن، ھەم شەخسەن ئۆزۈمنىڭ نامىدا، سىزگە ھەم سىز ئارقىلىق، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن، يارىلانغانلاردىن ۋە ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندىكى خەلقتىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

  ھىندونېزىيە جۇڭگونىڭ دوستانە قوشنىسى، ھىندونېزىيە خەلقى ئاپەتكە ئۇچرىدى، بىز ئاپەتنى بىۋاستە ھېس قىلغاندەك بولدۇق. مەن ئىشىنىمەنكى، سىزنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىڭىزدە، ھەمدە دۆلىتىڭىز ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھىندونېزىيە خەلقى چوقۇم قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، يۇرت-ماكانلىرىنى قايتا قۇرۇپ چىقىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر