باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئالاقە تورى +» ھەرىكىتى ئۈستىدە ئىزدەنگۈچى ما خۇاتېڭ

2018.12.25 15:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەتتە: شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يىغىنى مۇنبىرىدە، ما خۇاتېڭ ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى (9- ئاينىڭ 17-كۈنى فوتوسى).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تېڭشۈن 20 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالغان 2018-يىلى، ما خۇاتېڭ تېڭشۈننىڭ كەڭ كۆلەمدە تەشكىلىي قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، تىپىنى ئىستېمال ئالاقە تورىدىن كەسپىي ئالاقە تورىغا ئۆزگەرتىش قارارىنى چىقاردى. ئالاقە تورى بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندىن كېيىن، تېڭشۈن ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ ئالاقە تورىغا ئۆزگىرىشى ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.

  1998-يىلى، ما خۇاتېڭ بىر قانچە ساۋاقداش، دوستلىرى بىلەن بىللە تېڭشۈن شىركىتىنى قۇردى، ئاخىرىدا QQدىن ئىبارەت بۇ خىل «مىللىي يۇمشاق دېتال»نى شەكىللەندۈردى. شۇ چاغدا، نۇرغۇن كىشىلەر QQ ئارقىلىق نېمىنىڭ ئالاقە تورى ئىكەنلىكىنى بىلدى. 2010- يىلىدىن كېيىن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفونلارنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، تېڭشۈن يەنە كۆچمە ئالاقە تورىنىڭ كىرىش ئېغىزى بولغان ئۈندىدارنى تەتقىق قىلىپ چىقتى.

  2013-يىلىدىن باشلاپ، ما خۇاتېڭ «ئالاقە تورى +» ئۇقۇمىنى پائال تەشەببۇس قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولغان ما خۇاتېڭ 2015-يىلى «‹ئالاقە تورى +› ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى سۇندى. شۇ يىلى، «ئالاقە تورى +»نى ئىلگىرى سۈرۈش ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا كىرگۈزۈلۈپ، دۆلەتنىڭ ھەرىكەت پىلانى بولۇپ قالدى.

  ھازىر، كىشىلەر ئالاقە تورى يوق تۇرمۇشنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ. گۇاڭدۇڭدا، يېقىندا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن «گۇاڭدۇڭ ئىشلىرى» ناملىق ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۈندىدار ئەپچىل ئەپ دېتالى شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، تۇغۇت، جامائەت فوندى، چېگرادىن كىرىپ چىقىش، موتورلۇق قاناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەش كىنىشكىسى، باجنى تۈگەتكەنلىك ئىسپاتى قاتارلىقلارنى 460 تۈردىن ئارتۇق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

  ئالاقە تورى تېخى ئەسلىدە تارقاق بولغان بايلىق مەنبەلىرىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى كۈچكە ئايلاندۇردى. 2007-يىلى جامائەت پاراۋانلىقى فوندى جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن ھازىرغىچە، تېڭشۈن جامائەت پاراۋانلىقىنىڭ ئالاقە تورى سۇپىسىدا تەخمىنەن 200 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تور ئەھلىدىن 4 مىليارد 600 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىئانە پۇل توپلىدى.

  نۆۋەتتە، تېڭشۈن پۈتۈن دۇنيادىكى 1 مىلياردتىن ئارتۇق ئابونتلارنى ئىجتىمائىي ئالاقە، خەۋەرلىشىش، مائارىپ، ئۆگىنىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئالاقە تورى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو ئۇچۇر-ئالاقە تەتقىقات يۇرتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2017-يىلى ئۈندىدار ئىلگىرى سۈرگەن ئۇچۇر ئىستېمالى 209 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، جەمئىيەتتىكى ئىلگىرى سۈرگەن ئىشقا ئورۇنلىشىش كۆلىمى 20 مىليون 300 مىڭ ئادەمگە يەتكەن.

  تېڭشۈننىڭ كېيىنكى 20 يىلىغا نەزەر سالغاندا، ما خۇاتېڭدا يېڭى ئىزدىنىش يۆنىلىشى بار بولدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئالاقە تورى +» «كېيىنكى يېرىم مەيدان»غا كىرمەكتە، ئېقىم مىقدارى پايدىسى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، پارتلاش خاراكتېرلىك ئابونت ئېشىش ئاستىلىماقتا، بازار پۇرسىتى كەسپىي ئىنتېرنېت تورىغا يۆتكەلمەكتە.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تېڭشۈن بۇلۇت ھېسابلاش، چىقىم قىلىش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، تور بىخەتەرلىكى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىپ كەسىپ ھەمكارلىق ھەمراھلىرىغا كۈچ بېرىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئەقلىي كەسىپ ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىپ، ئىستېمالچىلار بىلەن كەسىپلەرنى تۇتاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېڭى قىممەت يارىتىدۇ.

  ماخۇاتېڭ: «بىز داۋاملىق ‹ئالاقە تورى +› يۆنىلىشىنى بويلاپ تۈجۈپىلەپ ئىشلەپ، تىرىشىپ ھەر قايسى كەسىپلەرنىڭ رەقەملەشكەن ياردەمچىسى بولۇپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى پائال ئىلگىرى سۈرىمىز»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر