خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى 12-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشقا ئەزالىرىدىن لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، 2018- يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى خۇلاسىلىدى، ھەمدە نۆۋەتتىكى ئىقتىساد ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلدى، ھەم شۇنداقلا 2019- يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى. لى كېچياڭ سۆزىدە كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى ھەم خۇلاسە سۆزى قىلدى.
يىغىندا شۇنداق دەپ قارالدىكى، بۇ يىل بولسا، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلىدۇر. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەت پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت بۇ باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەمدە "يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات"تىن ئىبارەت بۇ خىل تەرەققىيات تەلىپىگە رىئايە قىلىپ، تاشقى مۇھىتنىڭ چوڭقۇر ئۆزگىرىشىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش نىشانىنى بىر قەدەر ياخشى تاماملاپ، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى باشلاپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشىگە سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ھەم ساغلام تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا قاراپ يېڭى قەدەملەر تاشلاندى. يۇقىرىدا دېيىلگەن بۇ نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلدى.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بىر يىلدىن بۇيان، بىز ئەمەلىيەت جەريانىدا، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا تۆۋەندىكىدەك قانۇنىيەتلىك تونۇشلارنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق: يەنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، رول تۇتۇپ يول باشلاش رولىنى جەزمەن جارى قىلدۇرۇش كېرەك؛ ئۇزاق مەزگىللىك ئومۇمىي ۋەزىيەتتىن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى تونۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇزاقتىن بۇيانقى ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك تەرەققىيات ئىستىقبالىنى جەزمەن ئېنىق تونۇش كېرەك؛ ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش سالمىقىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىن تەڭشەش، مىكرو تەڭشەش، سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى جەزمەن كۈچەيتىش كېرەك؛ جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، قاراتمىلىق ھالدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن بازار كۆزلىمىسىنى جەزمەن يېتەكلەش كېرەك؛ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئومۇمىيەت خىزمىتىنىڭ قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچىنى جەزمەن شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى