باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى

2018.12.24 13:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شەخسى تاپاۋەت بېجى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى»نى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى گوۋۇيۈەن بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى.

  «نىزام»دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: گوۋۇيۈەن يېڭى شەخسى تاپاۋەت بېجى قانۇنىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 1994-يىلى تۈزۈلگەن شەخسى تاپاۋەت بېجى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزدى. بۇ ئاساسلىقى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: چەتئەللەردىن ئىقتىساسلىقلارنى تېخىمۇ ياخشى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، ئاھالىلەر شەخسىلەر ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلگەن چېگرا سىرتىدىكى كىشىلەردىن باج ئېلىشتا ئېتىبار بېرىش سالمىقى زورايتىلىدۇ؛ مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەشكە مەدەت بېرىش ئۈچۈن، يەككە تىجارەتچىلەر قاتارلىق تىجارەت سوبيىكتلىرىنىڭ تىجارەت تاپاۋىتىنى ھېسابلىغاندا ئائىلە تىرىكچىلىكىدىكى زۆرۈر چېقىمى چىقىرۋېتىلىدۇ؛ شەخسىلەرنىڭ دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن ھالدا تاپشۇرغان كارخانا يىللىق پۇلى، كەسپىي يىللىق پۇلى، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن ھالدا سېتىۋالغان سودا ساغلاملىق سۇغۇرتىسى، داۋاملاشما سودا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى باج چىقىمى شۇنداقلا گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن باشقا تۈرلەرنى قانۇن بويىچە چىقىرۋېتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى شەخسى تاپاۋەت بېجى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى 2019-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يېڭى شەخسى تاپاۋەت بېجى قانۇنى بىلەن تەڭ يولغا قويۇلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر