باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىباننىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى

2018.12.19 11:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ ئافغانىستان ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالاھىدە ۋەكىلى ياماموتو ناكادورى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئافغانىستان ۋەزىيىتىنى ئۇقتۇرغاندا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىباننىڭ رەسمىي تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  ياماموتو ناكادورى ئافغانىستاندىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ زوراۋانلىقنى ئازايتىپ، ئۆزئارا ئىشەنچ ئورنىتىپ، سۆزلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىر تەرەپتىن ئۇرۇش قىلىپ بىر تەرەپتىن سۆھبەتلىشىش تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ باشلىنىشىدىكى نورمال ھالەت، بىراق ئۇرۇش مەيدانىدىكى قىلمىشلار تىنچلىق مۇساپىسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. مەن رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىگە پايدىلىق شارائىت يارىتىشىنى مۇراجىئەت قىلىمەن.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئافغانىستان زۇڭتۇڭى غەنى ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرى جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئافغانىستان مەسىلىسى بويىچە خەلقئارالىق يىغىندا بىر تىنچلىق پىلانىنى ئوتتۇرغا قويدى ھەمدە تالىبان بىلەن بىۋاستە سۆھبەتلىشىدىغان ئۆمەكنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر