باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى «ھۆكۈمەت خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەندىكى ئىپادىسىنى مىقدارلاشتۇرۇپ باھالاش ۋاقىتلىق چارىسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2018.12.21 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى يېقىندا بىرلىكتە «ھۆكۈمەت خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەندىكى ئىپادىسىنى مىقدارلاشتۇرۇپ باھالاش ۋاقىتلىق چارىسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى ۋە 2018-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇشنى قارار قىلدى، بۇ 2018-يىلى كۈزدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرگە تەتبىقلىنىدۇ. «چارە» ئەسلىدىكى ئاساستا تەتبىقلاش دائىرىسى، باھالاش تۈرى ۋە ئۆلچىمى، ئارخىپ ماتېرىياللارنى تىزىملاپ باشقۇرۇش، ئارخىپنى تەكشۈرۈپ نومۇر قويۇش، مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش تەمىناتى بىلەن ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەش ئىپادىسىنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ تەكىتلەپ، دىققەتنى ئەسكەرلەرنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقى، ۋەزىپە ئۆتەش ۋە تۆھپە قوشۇشىغا تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، ئادىل، ھەققانىي، ئاشكارا «قۇياش نۇرى ئورۇنلاشتۇرۇش»ىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەت ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەرنى خاتىرجەم خىزمەت ئۆتەش ۋە گازارمىغا تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتا پائال رول ئوينايدۇ.

  «چارە»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش ئىپادىسىنى مىقدارلاشتۇرۇپ باھالاش ئومۇمىي نەتىجىسى ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. مىقدارلاشتۇرۇپ باھالاش سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدىكى ئىپادىسى، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقى سەۋىيىسى، ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن يىل سانى، ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن ئورۇننىڭ جاپالىق دەرىجىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك سالاھىيەت قاتارلىقلارغا ئاساسەن، بىر تۇتاش ئۆلچەم بويىچە نومۇر بېرىشنى كۆرسىتىدۇ. «چارە» ئەسلىدىكى «سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش نىزامى»نىڭ 29-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسىدا، «سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش نىزامى»نى يولغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى ھەربىي سەپكە قاتناشقان، يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندە ھۆكۈمەت خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغاندىن ئىبارەت تۆت تۈر بويىچە سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنى تەپسىلىي ئايرىدى. ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە شەخسلەر 1-ئاۋغۇست ئوردېنى، شەرەپ نام بېرىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ گەۋدىلىك تۆھپىسىگە بولغان تەقدىرلەش ۋە ئېتىبارنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ئورۇنلاشتۇرىدىغان جايدىكى ھۆكۈمەت ئۇلارنى ئالدىن خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر