باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېتەكچى پىكىر چۈشۈرۈپ، مەمۇرىي قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنىڭ قانۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى

2018.12.21 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «مەمۇرىي قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنىڭ قانۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: يولداش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەمۇرىي قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنىڭ قانۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، دۆلەت قانۇنچىلىقىنىڭ بىرلىكىنى، ئىززىتىنى، نوپۇزىنى ساقلاپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشنى تېزلىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش لازىم. مەمۇرىي قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنىڭ قانۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش دائىرىسى، سۇبيېكتى، تەرتىپى، ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەرتىپى مۇكەممەل، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت بىردەك بولغان، ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇلغان، يۈرۈشۈشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان قانۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بارلىق مەمۇرىي قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنىڭ قانۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەمۇرىي قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنىڭ قانۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈشكە كىرگۈزۈلۈش ئۆلچىمى ۋە دائىرىسىنى بېكىتىپ، مەمۇرىي قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنىڭ قانۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كونكرېت ئۈستىگە ئالىدىغان تارماقلار ياكى ئاپپاراتلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش لازىم. تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى قانۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش مېخانىزمىنىڭ مەمۇرىي قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنىڭ قانۇنلۇق، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا ئاساسەن قانۇنلۇق، قانۇنلۇق ئەمەس، تۈزىتىلىشى كېرەك دېگەندەك يازمىچە تەكشۈرۈش پىكرى بېرىشى كېرەك، پىكىر ئېلىش، بىللە ئىمزا قويۇش، قاراپ چىقىشقا قاتنىشىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قانۇنلۇقلىقىنى تەكشۈرۈشنىڭ ئورنىغا قويۇشقا بولمايدۇ. قانۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزمەي، ياكى قانۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش پىكرىنى قوبۇل قىلماي، مەمۇرىي قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغان بولسا، مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئىنتىزام، قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر