باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ لىنجىن يۆئې ۋە سۈي شىئەن بىلەن ئايرىم ئايرىم كۆرۈشتى

2018.12.18 16:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن جۇڭنەنخەيدە بېيجىڭغا خىزمىتىدىن مەلۇمات بەرگىلى كەلگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجىن يۆئې ۋە ئاۋمىن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سۈي شىئەن بىلەن ئايرىم ئايرىم كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ لىنجىن يۆئې بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپلىشىۋاتقان، ئۆزگىرىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، شياڭگاڭ ئەركىن پورت ۋە مۇستەقىل تاموژنا بېجى رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى تەستە قولغا كەلتۈردى. چوڭ ئالاھىدە رايونلۇق ھۆكۈمەت گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى ۋە بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى مەسىلىلەرنى ئامالنىڭ بارىچە ھەل قىلدى. مەركىزىي ھۆكۈمەت باش مەمۇر ۋە ئالاھىدە رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. يېقىندا رەئىس شى جىنپىڭ شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېننىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ دۆلەتنىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش زىيارەت ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەندە، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېننىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەردىن كۈتىدىغان سەمىمىي ئۈمىدىنى بىلدۈردى. بۇ يىل دەل دۆلەتنىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، ئالاھىدە رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ شياڭگاڭنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكى زاتلارنى داۋاملىق باشلاپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، شياڭگاڭنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى دۆلەتنىڭ ئېھىتىياجىغا ئۇلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات قېلىپىغا پائال يۇغۇرۇلۇشىنى؛ ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ساقلاپ، پۇل-مۇئامىلە خېيىم-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كونترول قىلىشىنى؛ خەلق تۇرمۇشىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تىرىشىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى؛ گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى تېز بەرپا قىلىپ، شياڭگاڭنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى كېچياڭ سۈي شىئەن بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: ھازىر ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادى بىر قەدەر تېز ئېشىۋاتىدۇ، خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا، ئىشسىزلىق نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە، ئۆز يېرىنىڭ كىشى بېشى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يەرشارىدىكى ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئارىسىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. مەركىزىي ھۆكۈمەت باش مەمۇر ۋە ئالاھىدە رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىنقى ۋەزىپىسى، بۇنىڭدىكى مەقسەت خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش. ئاۋمېن ئالاھىدە رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ بىر نىيەتتە ماسلىشىپ، ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارام ساياھىتى، كۆرگەزمە، جۇڭگو تېبابىتى دورىسى، ئۆزگىچە پۇل مۇئامىلە قاتارلىق مۇھىم كەسىپلەرنى ياخشى يېتىشتۈرۈپ، ئاقىل شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ھالدا كۆپ تەرەپلىك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى؛ تىجارەت مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئىقتىساد، پۇل-مۇئامىلە خېيىم-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلىشىنى؛ ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى ۋە بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشىنى؛ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاۋمىنلىق قېرىنداشلارغا تېخىمۇ بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەركىزىي ھۆكۈمەت بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش، شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش، ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش، يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن بويىچە ئىش كۆرۈپ، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتلەر، باش مەمۇرلارنىڭ قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ، شياڭگاڭ ۋە ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوللايدۇ.

  لىنجىن يۆئې مۇنداق دېدى: مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئىزچىل قوللىشى بىلەن، شياڭگاڭنىڭ ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا يېڭى تەرەققىيات قولغا كەلتۈرۈلدى. شياڭگاڭ دۆلەتنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشىغا يېڭى تۆھپە قوشۇپ، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى ۋە بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئىقتىسادنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى داۋاملىق ياخشىلايدۇ.

  سۈي شىئەن مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋمېننى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئاۋممىنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت دۆلەتنىڭ ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشن يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىساد ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ، دېدى.

  خەن جىڭ، شاۋ جې كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر