باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شىۋېيتسارىيە بىلەن ئەنگلىيە ئاۋىياتسىيە كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئەنگلىيەنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش»ىغا تەييارلىق قىلدى

2018.12.19 11:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىۋېيتسارىيە بىلەن ئەنگلىيە 12-ئاينىڭ 17-كۈنى رەسمىي ئاۋىياتسىيە كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئەنگلىيەنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش»ىغا تەييارلىق كۆردى. بۇ كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى ئەنگلىيەنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغاندىن» كېيىن ئىككى دۆلەتنىڭ ھاۋا تىرانسپورتى كەسپىنىڭ نورمال تىجارىتىنى كاپالەتلەندۈرىدىكەن، ئەنگىلىيە ئەڭ ئاخىردا كېلىشىمسىز «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش»نى تاللىغان تەقدىردىمۇ، شىۋېيتسارىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت كەسپىمۇ تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.

  ھازىر شىۋېيتسارىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ھەر كۈنى تەخمىنەن 150 قېتىم نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئاساسلىقى سيۇرېخ، جەنۋە ۋە باسېل ئايرودۇرۇمى ھەمدە ئەنگلىيەدىكى 25 ئايرودروم ئارىسىدا قاتنايدۇ. 2017-يىلى شىۋېيتسارىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانىدا توشۇلغان يولۇچى تەخمىنەن ئالتە مىليون 700 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر