خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12- ئاينىڭ 18- كۈنى، ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتىكى ياشلار ئىگىلىك تىكلەش مەركىزىدە، شۇ جايدىكى سەييارە سودىگەرلەر شىنجاڭ كارخانىچىلىرىدىن تاۋار ئۇچۇرلىرى توغرىسىدا مەسلىھەت سورىماقتا.
10- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ تاۋار كۆرگەزمىسى 18- دېكابىر ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە باشلاندى، شۇنىڭ بىلەن، ئۆزبېكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ سودا-ئىقتىسادىي ئالاقىسى ۋە كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن سۇپا قۇرۇلدى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى جەمئىي 30 كارخانا كۆرگەزمىگە قاتنىشىدۇ. كۆرگەزمە ماشىنا ۋە ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، توقۇمىچىلىق، كىيىم-كېچەك، يېمەكلىكلەر، يېڭى ئېنېرگىيە ۋە ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى