باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ يەتتە دۆلەتنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىلىرىنىڭ دۆلەت مەكتۇپىنى قوبۇل قىلدى

2018.12.19 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 18- دېكابىر چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا، يەتتە دۆلەتنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىلىرىنىڭ دۆلەت مەكتۇپىنى قوبۇل قىلدى.

  قىش پەسلىدىكى بېيجىڭ ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمگەن ئىدى. خەلق سارىيىنىڭ شىمالى دەرۋازىسى سىرتىدىكى پەشتاقتا، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىگە تىزىلغان ئىدى. كانايچىلار قارشى ئېلىش مۇزىكىسى چالدى، باش ئەلچىلەر كەينى-كەينىدىن يېتىپ كېلىپ، بېيجىڭ زالىغا كىردى. «بېيجىڭنىڭ ئۈستىدىن كۆرۈنۈشى»دېگەن رەسىمنىڭ ئالدىدا، باش ئەلچىلەر تەرتىپ بويىچە شى جىنپىڭغا دۆلەت مەكتۇپىنى تاپشۇردى، شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەمدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. ئىلىمىزدە يېڭىدىن تۇرۇشقا تەيىنلەنگەن بۇ يەتتە باش ئەلچى: ئىسپانىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى رافائېل دېسكاللار، سومالىنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشقا تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى ئالۋاللېي، سۇرىنامنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشقا تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى چېن جياخۇي، گرۇزىيەنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشقا تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى كالاندىيا، بىرازىلىيەنىڭ ئىلىمىدە تۇرۇشقا تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى ۋاللې، ماداغاسقارنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشقا تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى رازافى ماندىنبى، ئىراننىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشقا تەيىنلەنگەن باش ئەلچىسى كېشاۋارزاد.

  شى جىنپىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەر باش ئەلچىلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، ئۇلارنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلقىگە بولغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلەكلىرىنى يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ئېيتتى. شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرىمىز. جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ئۈچۈن بىرلىكتە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتى باش ئەلچىلەرنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ ۋە قوللايدۇ، سىلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتى ۋە خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىجابىي تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر