12-ئاينىڭ 20-كۈنى، خېبېي ئۆلكىسى چىنخۇاڭداۋ شەھىرىدىكى يەنشەن ئۇنىۋېرسىتېتىدا، ئىمتىھان بېرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ كۈتۈبخانىسىدا تەكرار قىلماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2019- يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانى 12-ئاينىڭ 22- كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھانغا پائال تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئاخىرقى كۈچەش مەزگىلىگە كىردى. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ يىل ئىمتىھانغا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى 2 مىليون 900 مىڭغا يەتكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى