باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئىككى سائەت بالدۇر ئورنىدىن تۇرغاندا، بەدەندە چوڭ ئۆزگىرىش بولىدۇ

2018.12.20 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۈننىڭ ئىشى سەھەردىن باشلىنار، بالدۇر ئۇخلاپ، بالدۇر تۇرۇش سالامەتلىككە پايدىلىق. لېكىن يان تېلېفون، كومپيۇتېر قاتارلىقلارنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن بارغانسېرى كۆپ كىشىلەر «مۈشۈكياپىلاق»قا ئايلانماقتا. ئامېرىكا « MSNتۇرمۇش تورى» يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ، سەھەر تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ بەدەنگە ئېلىپ كېلىدىغان بىر نەچچە چوڭ ئاجايىپ ئۆزگىرىشلىرىنى يەكۈنلەپ چىقتى.

  كېچىسى تېخىمۇ غەمسىز بولىسىز. «مۈشۈكياپىلاق»لارنىڭ ئۇيقۇسى قانماي، كۆزىنى ئاچالمايۋاتقاندا، سەھەر تۇرىدىغانلار بەلكىم ئەتىگەنلىك يۈگرەش، ئەتتىگەنلىك ناشتا تەييارلاش، ياتاقنى رەتلەش قاتارلىق بىر دۆۋە زۆرۈر، ئەمما ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنى ئاللىقاچان تاماملاپ بولغان بولۇشى، تېخىمۇ ئەركىن، ئازادە ھالدا خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا كىرىشكەن بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا كەچتە تەبىئىيلا بەزى كىچىك ئىشلار ئۈچۈن باش قاتۇرماي، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تېخىمۇ ئازادە ھېس قىلىدۇ.

  تېخىمۇ بالدۇر ئۇخلايسىز. سەھەر تۇرۇش ھەرگىزمۇ ئۇخلاش ۋاقتىنى ئازايتىش ئەمەس، بەلكى دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئىلمىي تەڭشەشتۇر. پەقەت بىر نەچچە كۈن داۋاملاشتۇرسىڭىزلا، بەدىنىڭىز يېڭى ئارام ئېلىش ئەندىزىسىگە كۆنۈپ قالىدۇ.

  ئۈنۈم تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. ئىستاتىستىكىلىق تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ «ئالتۇن ۋاقتى» دەل سەھەر ۋاقتى ئىكەن. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، سەھەر تۇرغانلارنىڭ زېھنى تېخىمۇ ئۇرغۇپ، تېخىمۇ تېز ئويغىنىدىكەن، كاللىسى تېخىمۇ سەگەك بولۇپ، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك بولغان ئىشلارغا تېزدىن كىرىشەلەيدىكەن. شۇڭا، بىرەر-ئىككى سائەت بالدۇر تۇرۇشنى بىر نەچچە كۈن داۋاملاشتۇرۇپ بېقىڭ، بەلكىم ئۆزىڭىزنىڭ «ئالتۇن ۋاقتىڭىز»نى تاپالىشىڭىز مۇمكىن.

  كېچىكىشىڭىز ئازلايدۇ. ئورۇندىن بەك كېيىن تۇرغاندا، پايپېتەك بولۇش، ئۇنى-بۇنى ئۇنتۇپ قېلىش، ئىشقا كېچىكىپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئاسانلا كېلىپ چىقىدۇ. سەھەر تۇرغاندا، يېڭى بىر كۈنلۈك تۇرمۇشنى باشلاشقا يېتەرلىك ۋاقىت بار بولىدۇ، خاتالىق بار بولغان تەقدىردىمۇ، يېتەرلىك ئىمكانىيەت بار بولىدۇ.

  يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە تېخىمۇ ساغلام بولىسىز. ئەتىگەندە ۋاقىت بەك قىس بولسا، ناشتىلىققا قالايمىقان نەرسىلەرنى يەيسىز ياكى ناشتا قىلمايسىز. بۇ خىل ساغلام بولمىغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتى كۆپ خىل ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سەھەر تۇرغاندىن كېيىن، كۆڭۈل قويۇپ ساغلام بولغان ناشتىلىق تەييارلاشقا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت چىقىرالايسىز، بۇنىڭ پۈتۈن كۈندىكى يېمەك-ئىچمەكنىڭ تېخىمۇ ساغلام بولۇشىغا ياردىمى بار.

  بەدەن چېنىقتۇرۇشىڭىز كۆپىيىدۇ. ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، كۆپ قىسىم كىشلەر ھېرىپ ھالىدىن كەتكەندەك ھېس قىلىدىغان بولغاچقا، بەدەن چىنىقتۇرۇشتىن ئاسانلا ۋاز كېچىدۇ.

  سەھەر تۇرغاندىن كېيىن، ئەتىگەنلىك چېنىقىشقا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت چىقىدۇ، بۇ كىشىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، پۈتۈن كۈندىكى مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ.

  تېخىمۇ خۇشال بولۇپ، چۈشكۈنلەشمەيسىز. كانادا تورونتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، سەھەر تۇرۇش كەيپىياتنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەن. سەھەر نۇرى كىشىلەردىكى ئۇيقۇ كەلتۈرىدىغان مېلاتونىنلارنى ھەيدەپ، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئارام تاپقۇزىدىكەن.

  ئۇنىڭدىن باشقا، سەھەر تۇرىدىغانلار بۇرۇنلا پىلان تۈزۈپ، تۈرلۈك خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشى، ھەرىكىتى تېخىمۇ كەسكىن بولۇشى مۇمكىن. بالدۇر تۇرۇپ بالدۇر ئۇخلاش ئارقىلىق يەنە قانغۇدەك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، ۋاھالەنكى ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىمۇ خامۇشلۇقنىڭ بىر چوڭ خەۋپ–خەتەر ئامىلى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر