باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ پويىز بېلەتلىرىنى 12- ئاينىڭ 23- كۈنىدىن باشلاپ سېتىۋالسا بولىدۇ، كېلەر ئاينىڭ 6- كۈنى ھارپا كۈنىنىڭ بېلىتىنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ

2018.12.20 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ساداسى رادىيو قانىلىنىڭ «ئاخبارات ۋە گېزىت ئۈزۈندىلىرى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2019- يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ ۋاقتى 21- يانۋاردىن باشلىنىپ، 1- مارتتا ئاياغلىشىدىكەن. بۇ يەكشەنبە كۈنى، يەنى 23- دېكابىر كۈنىدىن باشلاپ، يولۇچىلار 2019- يىللىق چاغانلىق يولوچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنىنىڭ، يەنى 21- يانۋار كۈنىنىڭ پويىز بېلەتلىرىنى سېتىۋالسا بولىدىكەن. 2019- يىللىق چاغاننىڭ ھارپا كۈنىدىكى بېلەتلەرنىڭ تۇنجى سېتىلىشى 6- يانۋاردا باشلىنىدىكەن. بۇ يىلقى چاغانلىق يولوچى توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنىدىن چاغاننىڭ ھارپا كۈنىگىچە، يەنى 4- فېۋرالغىچە پەقەت 15 كۈنلا ۋاقىت بار بولۇپ، بۇ مەزگىل دەل چاغانلىق ئۆيىگە قايتىش دولقۇنىنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلى. شۇڭا، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى چاغانلىق توشۇشنىڭ تۇنجى كۈنىنىڭ پويىز بېلەتلىرى بۇلتۇرقىغا قارىغاندا تېخىمۇ قىس بولىدىكەن.

  بېيجىڭ تۆمۈر يول ئىدارىسى، شېنياڭ تۆمۈر يولى ئىدارسى، جىنەن تۆمۈر يول ئىدارىسى، چېڭدۇ تۆمۈر يول ئىدارىسى، نەننىڭ تۆمۈر يول ئىدارىسى، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى ۋە چىڭخەي-شىزاڭ تۆمۈر يول ئىدارىسى قاتارلىق ئون نەچچە تۆمۈر يول ئىدارىلىرىنىڭ ھەممىسى ۋوگزالنىڭ بېلەت سېتىش كۆزنەكلىرى، ئاپتوماتىك بېلەت ئېلىش ماشىنىلىرى ۋە بېكەتتىن چىققاندا تولۇقلاپ بېلەت ئېلىش كۆزنەكلىرى قاتارلىق جايلاردا يانفون چىقىمدانى ۋە ئۈندىدار ئارقىلىق چىقىم قىلىپ بىلەت سېتىۋېلىش دېگەندەك يېڭىچە مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، يولۇچىلارنىڭ بېلەت سېتىۋىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر