خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 17- دېكابىر چۈشتىن كېيىن، جۇڭنەنخەيدىكى يىڭتەيدە بېيجىڭغا خىزمىتىدىن مەلۇمات بەرگىلى كەلگەن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سۈي شىئەن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ئاۋمېننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئالاھىدە رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىر يىلدىن بۇيان، باش مەمۇر سۈي شىئەن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنى يېتەكلەپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، سىياسىي ئىشلارنى پۇختا يولغا قويۇپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» فاڭجېنى ۋە نېگىزلىك قانۇننى ياخشى ئىجرا قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق، كۆپ خىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى يېنىكلىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاۋمېن جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. مەركەز باش مەمۇر سۈي شىئەن ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى