- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاۋىستىرالىيە غەربىي يېرۇسالىمنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلدى
2018.12.17 15:35 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى غەربىي يېرۇسالىمنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلدى، لېكىن ئاۋسترالىيەنىڭ ئىسرائىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى ۋاقتىنچە غەربىي يېرۇسالىمغا كۆچۈرۈپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پەلەستىن ئاۋستىرالىيەنىڭ ئۇسۇلىنى «مەسئۇلىيەتسىز»لىك، «ئىچكى سىياسىي»نى كۆزدە تۇتقانلىق دەپ تەنقىت قىلدى.
ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى موررىسون سىياسەتنىڭ بۇرۇلۇشى توغرىسىدا مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: ئاۋستىرالىيە غەربىي يېرۇسالىمنى ئىسرائىلىيىنىڭ پايتەختى دەپ رەسمىي ئېتىراپ قىلدى. كۆپلىگەن تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قارار ئاۋستىرالىيەنىڭ نەچچە ئون يىل داۋاملاشقان ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىنى زور تەڭشىشى ئىكەن.
موررىسوننىڭ قاراش بويىچە، ئاۋستىرالىيە غەربىي يېرۇسالېمدا سودا ۋە مۇداپىئە ئىش باشقارمىسى تەسىس قىلىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر