باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپا يىغىنى ئاچتى

باش نىشاننى چۆرىدەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2018.12.19 11:05         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

 مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 12- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپا يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا 12- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باشتىن- ئاخىر مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا قەتئىي تەۋرەنمەي مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، دائىم ھوشيار تۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، «بىرىكمە مۇشت»نى داۋاملىق ياخشى ئېتىپ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق تۇتۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، «ئىككى يۈرۈش بەنزە» خىزمەت مېخانىزمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بولۇپمۇ تەرەققىياتنى تۇتۇش مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى زىممىگە ئېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چۆرىدەپ، باش نىشان ئارقىلىق ئىقتىسادىي خىزمەتكە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتا تەۋرەنمەي، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتا تەۋرەنمەي، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشتا تەۋرەنمەي، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇشتا تەۋرەنمەي، مەسىلە تېپىش، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشتا چىڭ تۇرۇشتا تەۋرەنمەي، نۇقتىلىق ۋىلايەت - ئوبلاست، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق تارماق، نۇقتىلىق ئورۇننى تۇتۇشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 6- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، كېلەر يىلى ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە ياخشى باشلىنىش بولۇشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، قەدەمنى ياخشى ئېلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشى، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتا قوش مول ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھېچقانداق ئالاھىدە ئىمتىياز بولماسلىق ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئىككى مەسئۇلىيەت»نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، چىرىكلىكنى جازالاش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىغا ئائىت تۈرلۈك قائىدە- تۈزۈملىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قەتئىي بوشاشماي «تۆت خاھىش» «تۆت كەيپىيات»نى تۈزەپ، ياخشى ئىستىل ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يىلتىز تارتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر