باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھىندىستاننىڭ بومبايدىكى بىر دوختۇرخانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم ئۆلدى

2018.12.18 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستاندىكى بومباي شەھىرىنىڭ غەربىي شەھەر سىرتىدىكى بىر دوختۇرخانىدا 17-دېكابىر ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئالتە ئادەم ئۆلدى، 100 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.

  ھىندىستان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوت ئاپىتى شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت تۆت ئەتراپىدا يۈز بەرگەن. ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى نەق مەيدانغا نۇرغۇن ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى ئەۋەتكەن بولۇپ، ھازىر ئوت تىزگىنلەنگەن، يارىدارلار باشقا دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىلىپ داۋالانغان.

  نۆۋەتتە قۇتقۇزۇش خادىملىرى دوختۇرخانىنىڭ بارلىق قەۋەتلىرىنى ئاختۇرۇپ، قاپسىلىپ قالغانلار بار- يوقلۇقىنى تەكشۈرمەكتە. ئوت ئاپىتى يۈز بېرىش سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس، ئەمما شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ ساقچى تەرەپنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، توك سىمىنىڭ ئوت ئاپىتىنى پەيدا قىلىش مۇمكىنچىلىكى بىر قەدەر چوڭ ئىكەن.

  بۇلتۇر 12-ئايدا، بومبايدىكى بىر ئاشخانىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 15 ئادەم قازا قىلغان بولۇپ، توك سىمى ئورنىتىش جەھەتتە دېگەندەك قېلىپلاشمىغانلىقتىن ئوت كېتىش كېلىپ چىققان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر