باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى 11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر قەرز قالدۇقىنىڭ 18 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى

2018.12.20 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مالىيە مىنىستىرلىقى 2018-يىلى 11 ئايلىق يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ زايوم تارقىتىش ۋە قەرز قالدۇقى ئەھۋالىنى بۈگۈن ئېلان قىلغان. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى 11-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە 45 مىليارد 900 مىليون يۈەنلىك يەرلىك ھۆكۈمەت زايومى تارقىتىلغان؛ 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە جەمئىي 4 تىرىليون 101 مىليارد 400 مىليون يۈەنلىك يەرلىك ھۆكۈمەت زايومى تارقىتىلغان. 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز قالدۇقى 18 تىرىليون 290 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەستىقلىغان چەكنىڭ ئىچىدە كونترول قىلىنغان.

  مەملىكەت بويىچە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ زايوم تارقىتىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 2018-يىلى 11-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە تارقىتىلغان يەرلىك ھۆكۈمەت زايومى 45 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، تارقىتىلغان ئادەتتىكى زايوم 27 مىليارد يۈەن، تارقىتىلغان مەخسۇس زايوم 18 مىليارد 900 مىليون يۈەن؛ ئىشلىتىش ئورنىغا قاراپ ئايرىلغاندا، تارقىتىلغان يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن زايوم 4 مىليارد 200 مىليون يۈەن (ھەممىسى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئادەتتىكى زايوم)، تارقاتقان ئالماشتۇرۇش زايومى ۋە قايتا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش زايومى (بىر قىسىم قەرەلى توشقان يەرلىك ھۆكۈمەت زايومىنىڭ دىرىنى قايتۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ) 41 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر