12-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچى «ئۇلۇغ ئۆزگىرىش − ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسى» نەق مەيدانىدا پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە، جۇڭگو دۆلەت مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇلۇغ ئۆزگىرىش − ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىسى»نى نەق مەيداندا ئېكىسكۇرسىيە قىلغان تاماشىبىنلار 1 مىليون 600 مىڭ ئادەم(قېتىم)دىن ئاشتى.
مەنبە: خەلق تورى