باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىنى باشقۇرۇش جەھەتتە «كەڭ قويۇۋېتىش، بوشىشىش، يۇمشاق قول بولۇش»تەك مەسىلىلەر ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت

2018.11.07 16:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى»نى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى 4-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى قۇرۇلۇشى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بويىچە مەخسۇس نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى ۋە ئالىي-ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ئۆزىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ نەق مەيداندا ئارىلاپ تەكشۈرۈپ، جايلاردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاق قۇرۇلۇشى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مائارىپ مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بىرلىكتە قانات يايدۇرغان مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ھەرىكىتىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يۇقىرى ساپالىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلغان.

  تەكشۈرۈشتە ساقلانغان ئاساسلىق مەسىلىلەر: بىرىنچىدىن، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي گەۋدە مەسئۇلىيەت ئېڭى يەنىلا مۇستەھكەم ئەمەس. ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتىنى باشقۇرۇشتا «بوشاڭلىق قىلىش، كەڭچىلىك قىلىش، يۇمشاق بولۇش» ئەھۋالى بەزى جايلار ۋە مەكتەپلەردە يەنىلا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە مەۋجۇت. ئايرىم مەكتەپلەردە سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەت ئېڭىدە پەرق بار، بېسىم يېتەرلىك ئەمەس، ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا ئەمەس. ئىككىنچى، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى تېخى پۈتۈنلەي ئىنچىكە ۋە ياخشى ئەمەلىيلەشمىگەن. ئايرىم مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ۋە مېخانىزمى ناھايىتى بوش ۋە قۇرۇق، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى تەلەپكە جىپسىلىشىش دەرىجىسى يېتەرلىك ئەمەس، قاراتمىلىقى كۈچلۈك ئەمەس. ئەخلاقنى باھالاشتا، يەنىلا شەكىلگە ئېتىبار بېرىپ، مەزمۇنىغا يېنىكلىك قىلىش، نەتىجىسىنى تەتبىقلاشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇد. ئۈچىنچى، ئوقۇتقۇچىلار ئەخلاقى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتى تەكشى ئەمەس. بەزى مەكتەپلەر ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتى قۇرۇلۇشىنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ ئېلىپ باردى، لېكىن بەزى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى تەرەققىياتى نىسبەتەن ئارقىدا. تۆتىنچى، نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى تۈزەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. بەزى جايلاردا خەلق باشقۇرۇشىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى چېچىلاڭغۇ، ئايرىم ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىدا ھەقلىق دەرس تولۇقلىشىغا قاتنىشىشقا ئازدۇرۇپ، مائارىپنىڭ ئىناۋىتى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئوبرازىغا دەخلى يەتكۈزۈۋاتىدۇ. بايقالغان مەسىلىلەرگە قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئالاقىدار يەرلىك مائارىپ تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەرنىڭ ۋاقتىدا تۈزەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقا ئۆلكىلەر ۋە مەكتەپلەرنىڭ مەسىلىلەرنى سېلىشتۇرۇپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر