باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە كارخانىلىرى ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئارقىلىق جۇڭگودىن ھەمكارلىق شېرىكلىرى تېپىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2018.11.06 15:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە كارخانىلىرىنىڭ نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆزگەرمىسى خەلقئارا جەمئىيەتكە جۇڭگونىڭ ئىشىكنى تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىشى ھەققىدە ئىجابىي سىگنال چىقاردى، ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئارقىلىق جۇڭگودىن ھەمكارلىق شېرىكلىرى تېپىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  جۇڭگو-رۇسىيە خەلقئارا يۇقىرى تېخنىكىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش مەركىزىنىڭ رۇسىيە تەرەپ مۇدىرى سىدنېف: رۇسىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىش قىزغىنلىقى يۇقىرى، بىزنىڭ ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشتىكى مەقسىتىمىز جۇڭگودىن ھەمكارلىق شېرىكلىرى تېپىش دېدى.

  رۇسىيە يادرو شىركىتىنىڭ دىرېكتورى شىلوبكوۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئەڭ ئىستىقباللىق سانلىق مەلۇمات مەھسۇلاتلىرى بازارلىرىنىڭ بىرى. شىركىتىمىز ھازىر جۇڭگودىن شېرىك ئىزدەۋاتىدۇ، ئىمپورت كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە جۇڭگو كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ئىمزالاشنى ئۈمىد قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر