باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىلمىي تەتقىقاتقا ئىشلىتىلىدىغان تۇنجى يادرو رېئاكتورى قۇرۇلۇشىنى باشلىدى

ۋەلىئەھدى باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2018.11.07 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتقا ئىشلىتىدىغان تۇنجى يادرو رېئاكتورى قۇرۇلۇش تۈرىدە 5-نويابىر پايتەخت رىيادتا ئىش باشلاندى، ۋەلىئەھدى مۇھەممەد بىن سالمان ئۇل تېشى كۆمدى.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋەلىئەھدى مۇھەممەد شۇ كۈنى «پادىشاھ ئابدۇللا ئەزىز پەن- تېخنىكا شەھەرچىسى»نى كۆزدىن كەچۈرۈپ، يادرو رېئاكتورى ۋە بىر ئايروپىلان زاۋۇتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. خەۋەردە، يادرو رېئاكتورىنىڭ پىلاندىكى قۇرۇپ چىقىلىش ۋاقتى ۋە پۈتۈش باھاسى قاتارلىق ئىنچىكە تەپسىلاتلار تىلغا ئېلىنمىدى.

  يادرو رېئاكتورى ئىشلىتىلىش ئورنىغا ئاساسەن تەتقىقات رېئاكتورى، ئىشلەپچىقىرىش رېئاكتورى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ رېئاكتورىغا بۆلۈنىدۇ. تەتقىقات رېئاكتورى يادرو تېببىي ئىلمى بويىچە دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش، سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان رادىئوئاكتىپلىق ئىزوتوپ ئىشلەپچىقىرىش، يادرو رېئاكتورى تېخنىكا خادىملىرىنى تەربىيەلەش قاتارلىق ئىلمىي تەتقىقات ۋە مائارىپ قاتارلىق پۇقراۋى مەقسەتكە ئىشلىتىلىدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىش رېئاكتورى ئاسان پارچىلىنىدىغان ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ رېئاكتورى پاراخوت ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئېنېرگىيەسى ياكى سودا توك تارقىتىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

  سەئۇدى ئەرەبىستانى دۇنيادىكى 1- چوڭ نېفىت ئېكسپورت دۆلىتى بولۇپ، تەتقىقات رېئاكتورى ياساش بولسا دېڭىز قولتۇقىدىكى بۇ دۆلەتنىڭ يادرو ئېلېكتىر كەسپىنى بەرپا قىلىشتىكى «تۇنجى قەدىمى» ھېسابلىنىدۇ، ئېنېرگىيە ۋە ئىقتىسادنى كۆپ خىللاشتۇرۇش تەرەققىيات نىشانى ئۈچۈن ئاساس سالىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاساسلىقى نېفىت ۋە تەبىئىي گازغا تايىنىپ تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قاندۇراتتى، ھازىر يادرو ئېلېكتىرىنى زور كۈچ بىلەن ئېچىش ئارقىلىق، نېفىت ۋە گازغا بېقىنىشنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر