باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كىرودىيە زۇڭلىسى: جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن

2018.11.06 15:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تەكلىپكە بىنائەن ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىغان كىرودىيە زۇڭلىسى پۇليەنكوۋىچ يېقىندا: ئىمپورت كۆرگەزمىسى يېڭى دەۋردە جۇڭگونى چۈشىنىشنىڭ روجىكى، شۇنداقلا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى دېدى.

  سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 2017-يىلى، جۇڭگو بىلەن كىرودىيەنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت سوممىسى تەخمىنەن ئالتە مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 21.5 پىرسەنت ئاشقان. پۇلىيەنكوۋىچ: كىرودىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد-سودا جەھەتتە تېخىمۇ كەڭ ھەمكارلىق بوشلۇقى بار دېدى.

  پۇليەنكوۋىچ مۇنداق دېدى: ھازىر، كىرودىيە بىلەن جۇڭگونىڭ يىللىق سودا سوممىسى بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلاشتى، بىزنىڭ جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىش سوممىمىز ئېكسپورت سوممىسىدىن كۆپ. بىراق بىزنىڭ سودا يۈزلىنىشىمىز ئىجابىي بولۇپ، تەدرىجىي ئاشماقتا، كىرودىيە كارخانىلىرى بولۇپمۇ يېمەكلىك كەسپى جۇڭگو بازىرىدا زاكاسقا ئېرىشىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە، بىز ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە ئۆزىمىزنى يەنىمۇ نامايەن قىلساقكەن دەيمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر