باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارالىق ئىلىم-پەن تەشكىلاتى ئىتتىپاقى قۇرۇش يىغىنى ۋە 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2018.11.05 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارالىق ئىلىم-پەن تەشكىلاتى ئىتتىپاقى قۇرۇش يىغىنى ۋە 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ كەڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش __ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ئۇ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە پائال رول ئوينىماقتا. ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىلىم-پەن ساھەسى مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ بىرلىكتە تىرىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارالىق ئىلىم-پەن تەشكىلاتى ئىتتىپاقىنىڭ سەھنىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىياسىتى ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەلرايىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېشىل يول، يېڭىلىق يارىتىش يولى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتىكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر