باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق تەكىتلىدى:

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئاياللار تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاياللارنى دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، تۆھپە قوشۇپ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا تەشكىللەش، سەپەرۋەر قىلىش كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى

2018.11.05 15:07         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 2-كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭنەنخەيدە مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ ئاياللار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش دۆلىتىمىز ئاھالىسىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىغان ئاياللارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئۇيۇشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قۇدرەتلىك كۈچ بىلەن تەمىنلەشكە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيەنىڭ ئاياللار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئاياللار تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك بۇ ھازىرقى زامان ئاياللار ھەرىكىتىنىڭ دەۋر باش تېمىسىنى ئىگىلەپ، ئەر – ئاياللار باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاياللارنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاياللارنى دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۆھپە قوشۇپ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا تەشكىللەش، سەپەرۋەر قىلىش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ كوللېكتىپ سۆھبەتكە قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئاياللىرى مەملىكەتلىك 12-قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلدى. قۇرۇلتاي پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئاياللار ئىشلىرى ۋە ئاياللار خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، تۈرلۈك قارالمىلارنى تاماملىدى. شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، قۇرۇلتاينىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆپچىلىكنىڭ سۆزىدىن شۇنى ھېس قىلىشقا بولىدۇكى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش پوزىتسىيەسى قەتئىي، ئىشەنچى چىڭ ئىكەن. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىلەردىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ پۈتكۈل ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئاياللار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ۋە ئۇنى پائال ئالغا سىلجىتتى. ئۆتكەن بەش يىلدا، ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاياللار بىرلەشمىسى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاياللارغا قارىتىلغان ئىدىيەۋى – سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئەر – ئاياللار باراۋەر بولۇش تۈپ دۆلەت سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاياللار ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلاش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداش، ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەپ، دۆلىتىمىز ئاياللار ئىشلىرىنىڭ يېڭى قەدەم ئېلىشىغا، ئاياللار خىزمىتىدە تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ئاياللار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى. ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، باشتىن – ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. ئاياللارنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، غايە – ئېتىقاد تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاياللارنىڭ پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى سىياسىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى، ئىدىيە جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى، ھېسسىيات جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئېتىقادى، ئىشەنچىنى چىڭىتىش كېرەك. ئىدىيەۋى – سىياسىي يېتەكچىلىكنى ئاياللار بىرلەشمىسى قانات يايدۇرىدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە سىڭدۈرۈپ، ئاياللارنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئورتاق غايىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىدىغان، ھېسسىياتنى كۈچەيتىدىغان خىزمەتلەرنى كۆپرەك ئىشلەپ، ئاياللارنى قەتئىي تەۋرەنمەي، توغرا يۆنىلىش ۋە غايە – نىشانغا قاراپ سىجىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاياللار بىرلەشمىسى ئاياللارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش، ئەر – ئاياللار باراۋەرلىكى ۋە ئاياللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇھىم ۋەزىپىسىنى ياخشى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك. يېتەكلەش، مۇلازىمەت قىلىش، ئالاقە باغلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان – ۋەزىپىلەرگە توغرىلىنىپ، ‹‹بەشنى بىر گەۋدە قىلىش›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش، ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاياللارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تۆھپە قوشۇپ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاياللارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاش كېرەك. زور خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھىم ۋەزىپىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى بۇنىڭدا زور رول ئوينىشى كېرەك. ئاياللارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىگىلەپ، قاراتمىلىق ھالدا ئاياللار بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاياللارغا مۇلازىمەت قىلىشقا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كۆپ دىققەت كۈچىنى ئەڭ ئاددىي ئاياللارغا، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى بار ئاياللارغا قارىتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاياللار، مېيىپ ئاياللار، ئۆيدە قالغان ئاياللارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلار ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەر – ئاياللار باراۋەر بولۇش تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاياللار، بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك. ئۇزاقتىن بۇيان، ئەر – ئاياللار باراۋەر بولۇش، ئاياللارنى ھۆرمەتلەش كۆزقارىشى بارغانسېرى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاياللارنى كەمسىتىش يەنىلا مەۋجۇت. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش دۆلەت قاتلىمىدىن تۈزەشكە ئېھتىياجلىق، ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىگە ئېغىر دەخلى – تەرۇز قىلىش جىنايى قىلمىشىغا قانۇن بويىچە قەتئىي زەربە بېرىش، خاتا گەپ – سۆزلەرگە ۋاقتىدا رەددىيە بېرىش كېرەك. ئاياللار بىرلەشمىلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن رول ئويناپ، قەيەردىكى ئاياللارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتى دەخلى – تەرۇزغا ئۇچرىسا، شۇ يەردىكى ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتى ئوتتۇرىغا چىقىپ گەپ قىلىشى، قانۇن – بەلگىلىمە بويىچە ئاياللارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىگە مۇھىت يارىتىپ بېرىشى، توسالغۇلارنى تۈگىتىشى، شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئائىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئائىلە تۇرمۇشىدىكى ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، ئاياللارغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى. ئائىلىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئائىلە تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئائىلە ئىستىلىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئائىلىدە كۆرۈلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ، ئائىلە خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئۇزاق مەزگىللىك ۋەزىپە قىلىپ، ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاياللارنى ھەم ئائىلىسىنى سۆيۈشكە، ھەم ۋەتەننى سۆيۈشكە يېتەكلەپ، ئائىلە ئەزالىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋەتەننى سۆيۈش، ئائىلىنى سۆيۈشتىن ئىبارەت ئائىلە – ۋەتەن ھېسسىياتىنى ئورتاق كۈچەيتىپ، ئىناق ئائىلە مۇناسىۋىتىنى گۈللەندۈرۈپ، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتەك ئائىلە ئىنتىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئائىلە ئىناقلىقى، ئۇرۇق-تۇغقانلار مۇھەببىتى، ئەۋلادلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى، ياشانغانلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈستۈنلۈكنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش كېرەك. ئاياللارنى ئائىلە ئەزالىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، ئەر – ئاياللار باراۋەر بولۇش، ئەر – ئايال ئىناق ئۆتۈش، تىرىشچانلىق – ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئۆي تۇتۇش، قوشنىلار ئىتتىپاق ئۆتۈش قاتارلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ناتوغرا ئىستىل ۋە يامان كەيپىياتنى توسۇپ، توغرا ئىستىل ۋە ساغلام كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياخشى ئائىلە ئىستىلى ئارقىلىق ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىياتقا تىرەك بولۇش كېرەك. ئاياللارنىڭ ئائىلە ۋە خىزمەت مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، جەمئىيەتكە مەسئۇل بولىدىغان، ئائىلىگە تۆھپە قوشىدىغان يېڭى دەۋر ئاياللىرىدىن بولۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. ئاياللارنى ۋەتەننى سۆيۈش، ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزىنى ھۆرمەتلەش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆز كۈچىگە تايىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىشكە، ھەرىكىتى ئارقىلىق يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇش، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش، ۋەتەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئۇلۇغ ئىشلىرىدا ئۆزىنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تارىخ يارىتىدىغان ئۇلۇغ كۈرەش داۋامىدا قالتىس كىشىلىك ھاياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاياللار بىرلەشمىسى ئىسلاھاتىنى تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلام ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورگان كادىرلىرىنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئاياللار بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىشنى خىزمەتنىڭ جان تومۇرى قىلىپ، ئاياللارنىڭ ئىشىنىدىغان، تايىنىدىغان، ئايرىلالمايدىغان ئۆز ئادىمى بولۇش كېرەك. ئاياللار بىرلەشمىسى كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى ساپالىق ئاياللار بىرلەشمىسى كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاياللار بىلەن ئالاقىلىشىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ئەھمىيەت بېرىش، كۆڭۈل بۆلۈش، قوللاش، كاپالەتلەندۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئايال كادىرلارنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئايال كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاياللار ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشى، ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

  مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى شېن يۆيۆ مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىگە ۋاكالىتەن، جۇڭگو ئاياللىرى مەملىكەتلىك 12-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش ئەھۋالى ۋە ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئويلىغانلىرىنى دوكلات قىلدى. مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن خۇاڭ شياۋۋېي، ليۇ ياڭ، چېن خۇالەن سۆز قىلدى.

  دىڭ شۆشياڭ، سۈن چۈنلەن، ياڭ شياۋدۇ، چېن شى، گو شېڭكۈن، خۇاڭ كۈنمىڭ، يوۋ چۈەن سۆھبەتكە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر