باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە ئىقتىساد خىزمىتىنى تەتقىق قىلدى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچلىك قىلدى

2018.11.01 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 31-ئۆكتەبىر يىغىن ئېچىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي خىزمەتنى ئورۇنلاشتۇردى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان جايلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلاندۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى كۈچەپ ياخشى قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، داۋاملىق مۇۋاپىق ھالەتنى ساقلىدى. ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھاسى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى؛ ياسىمىچىلىق سېلىنمىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى يۇقىرى سەۋىيىگە ئۆرلىدى؛ ئىمپورت-ئېكسپورت بىر قەدەر تېز ئاشتى، تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش مۇقىم كېڭەيدى؛ كۈزلۈك ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى؛ ئاھالىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىشى بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاساسەن ماس قەدەمدە بولدى؛ شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يىللىق نىشانى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇندالدى. ئىقتىسادىي قۇرۇلما سىجىل ئەلالاشتى. پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر قاتار تەدبىرلەر يولغا قويۇلۇپ، بازار ئىشەنچىسى ئۇرغۇتۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ھەرىكەت مۇقىملىق داۋامىدا ئۆزگىرىش ياساپ، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى زورايماقتا، قىسمەن كارخانىلارنىڭ تىجارىتىدە قىيىنچىلىق كۆپرەك، ئۇزاقتىن بۇيان يىغىلىپ قالغان يوشۇرۇن خەۋپلەر ئاشكارىلانماقتا. بۇلارغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئالدىن كۆرەرلىكنى كۈچەيتىپ، ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىش لازىم.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە قىسقا مۇددەتلىك، ئىچكى ۋە تاشقى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئورتاق تەسىرىنىڭ نەتىجىسى. دۆلىتىمىز ئىقتىسادى نۆۋەتتە يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش باسقۇچىغا ئۆتمەكتە، تاشقى مۇھىتتىمۇ چوڭقۇر ئۆزگىرىش يۈز بەرمەكتە، بەزى سىياسەتلەرنىڭ ئۈنۈمىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر