خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈن، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئاخبارات مەركىزى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە دۇنيا بويىچە چېگرا ئېچى-سىرتىدىكى 630 تاراتقۇ ئورنىدىن كېلىپ تىزىمغا ئالدۇرغان 4100 نەچچە نەپەر مۇخبىرنىڭ قاتنىشىشىنى جەلپ قىلدى. ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، ئاخبارات مەركىزىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 13 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىكەن. بۇنىڭدا، مەسلىھەت سوراش مۇلازىمەت رايونى، خىزمەت رايونى، مەخسۇس خىزمەت رايونى، رادىيو-تېلېۋىزىيە يېڭى تاراتقۇ ئۈسكۈنىلىرى ئۆيى رايونى، ئاخبارات ئېلان قىلىش زالى ۋە يېمەك-ئىچمەك ئىستىراھەت مۇلازىمەت رايونى قاتارلىق بىر قانچە ئىقتىدارلىق رايونلار تەسىس قىلىنغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى