باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورېيە شىجېي گۇرۇھى جۇڭگو رايونىنىڭ باش دىرېكتورى: ئىسلاھات ئېچىۋېتىش جۇڭگوغا غايەت زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى

2018.11.05 09:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورېيەنىڭ ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىغان شىجېي گۇرۇھى جۇڭگو رايونىنىڭ باش دىرېكتورى پاك جىنتاي يېقىندا: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى دېدى.

  شىجېي گۇرۇھى كورېيەنىڭ داڭلىق دۆلەت ھالقىغان كارخانىسى بولۇپ، ئۇنىڭ قارمىقىدىكى ئەشيا ئوبوروتى، يېمەكلىك، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق كەسىپلەر جۇڭگو بازىرىدا بەس-بەستە غايەت زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى. پاك جىنتاي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو «دۇنيا زاۋۇتى»دىن «دۇنيا بازىرى»غا قاراپ بۇرۇلۇش ياساپ، غايەت زور ئىقتىسادى ئۈنۈم ياراتتى. جۇڭگو ھازىر نۇرغۇن يېڭى تېخنىكىدا باشلامچى ئورۇندا تۇرماقتا، بۇلار دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلدى.

  پاك جىنتاي مۇنداق دېدى: ھازىر جۇڭگو دۇنيانىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىناق مەيدانى، سۈنئىي ئاقىل، بۇلۇت چوت، ئەشيا ئوبوروت تورى قاتارلىقلار 4-قېتىملىق سانائەت ئىنقىلابى يېڭى تېخنىكىسىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە جۇڭگودا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر