خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 4-نويابىر كەچتە شاڭخەيدە زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدىغان ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى.
كۈز پەسلىدىكى شاڭخەيدە سېرىق دارچىنقۇللار خۇشپۇراق چېچىپ تۇراتتى. چىراقلار چاقنىغان خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى بويىدا ئىمارەتلەر قەد كۆتۈرۈپ، رەڭمۇرەڭ نۇرلار كۆزنى قاماشتۇرۇپ، گۈللەنگەن مەنزىرە نامايان بولغان ئىدى. سائەت 6دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، چەت ئەل رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى شاڭخەي خەلقئارا يىغىن مەركىزىگە يىتىپ كەلدى. قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەن بالىلار ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى.
شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىرلەشتى ۋە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
شادىيانە قارشى ئېلىش مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىللە زىياپەت زالىغا كىردى.
شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شاڭخەي جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىساد مەركىزى ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپى بولۇپ، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش تارىخىي مۇساپىسىگە شاھىت بولدى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغانلىقىنىڭ 40 يىللىق جانلىق سەھىپىسىنى پۈتتى. جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى جۇڭگونىڭ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ. بۇ ئادەتتىكى يەرمەنكە ئەمەس، بەلكى جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىرى، جۇڭگونىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن بازارنى دۇنياغا ئېچىپ بېرىشىدىكى مۇھىم تەدبىر. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى شاڭخەيگە يېڭى گۈزەللىك ئاتا قىلىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەتە، جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى رەسمىي باشلىنىدۇ. كەلگۈسى ئالتە كۈندە، بەش قىتئەدىن كەلگەن 172 دۆلەت، رايون ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە دۆلەتنىڭ ئوبرازىنى دۇنياغا نامايان قىلىدۇ؛ ھەر قايسى دۆلەتلەر كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرغان 3600دىن كۆپرەك كارخانىلارمۇ جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سودىگەرلەر بىلەن تولۇق سۆھبەتلىشىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ؛ ئەزىز مېھمانلار يەنە خەلقئارا ئىقتىساد-سودا ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش قاتارلىق زور مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ مۇھاكىمە قىلىپ ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدۇ. بۇ بىر مەيدان ئادەمنى تەقەززار قىلىدىغان كاتتا مەرىكە بولۇپ، ھەرقايسى ئەللەردىكى دوستلارغا مول ھوسۇللۇق نەتىجىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئىشىنىمەنكى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى چوقۇم يۇقىرى سەۋىيەلىك خەلقئارالىق كۆرگەزمە بولۇپ، خەلقئارا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا يېڭى سۇپا ھازىرلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر قايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشقۇسى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى