باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەپتىدە سەككىز سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى بەلگىلەندى

2018.09.13 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش خىزمىتىنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكى ۋە يېڭى ئېھتىياجىغا ئاساسەن، مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان «ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەشنى باشقۇرۇش چارىسى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئوقۇپ تۇرۇپ ئىشلەش ھەققى ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق ئۆستۈردى، سائەت بويىچە ھەق ھېسابلاشقا نىسبەتەن، ئەسلىدىكى پىرىنسىپ جەھەتتىن سەككىز يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىق ئۆلچىمى 12 يۈەندىن تۆۋەن بولماسلىققا تەڭشەلدى. ئىشلەش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەپتىدە سەككىز سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى بەلگىلەندى.

  تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى باشقۇرۇش چارىسىدا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئالىي مەكتەپ دېگىنىمىز دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تەستىقلىنىپ قۇرۇلغان، ئالىي ئوقۇش تارىخى مائارىپىنى يولغا قويغان، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى تولۇق كۇرس ئالىي مەكتىپى، ئالىي كەسپىي مەكتەپ ۋە ئالىي تېخنىكومنى كۆرسىتىدۇ.

  تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى باشقۇرۇش چارىسىدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇشتا ئورۇن ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ھەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇشقا قاتناشقانلىقى تۈپەيلىدىن ئۆگىنىشىگە تەسىر يەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇش ۋاقتى پىرىنسىپ جەھەتتىن ھەپتىدە سەككىز سائەتتىن ئاشماسلىقى، ھەر ئايدا 40 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم. قىشلىق، يازلىق تەتىلدىكى ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇش ۋاقتىنى مەكتەپنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق ئۇزارتىشقا بولىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەكتەپ مەكتەپ ئىچى بايلىقىنى پائال ئېچىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مەكتەپ ئىچىدە ئىشلەپ تۇرۇپ ئوقۇش ئورنىنى تەسىس قىلىشتا، مەكتەپ ئىچى ئوقۇتۇش ياردەمچىسى، تەتقىقات ياردەمچىسى، مەمۇرىي باشقۇرۇش ياردەمچىسى ۋە مەكتەپنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمىتى قاتارلىقلار ئاساس قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر