باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلارنىڭ بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى يەتتە توردا ئاپتوموبىل چاقىرىش سۇپا شىركەتلىرىگە ئورۇنلىشىپ، بىخەتەرلىك بويىچە مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ

2018.09.12 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11- سېنتەبىر قاتناش- تىرانسپورت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، قاتناش- تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، مەركىزىي ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلاردىن تەشكىللەنگەن توردا كېلىشىدىغان ماشىنا، ئۆتەر يول ماشىنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەخسۇس خىزمىتىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى پايتەخت ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ توردا كېلىشىدىغان ئاپتوموبىل، شېنجوۋ مەخسۇس ئاپتوموبىل، ساۋ ساۋ مەخسۇس ئاپتوموبىل، يىداۋ ئاپتوموبىلى، مېيتۇەن سەپەرى، دى دى سەپەرى، گاۋدې قاتارلىق توردا كېلىشىدىغان ئاپتوموبىللار ۋە ئۆتەر يول ئاپتوموبىل چاقىرىش سۇپا شىركەتلىرىگە ئورۇنلىشىپ، بىخەتەرلىك بويىچە مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا ئۆتەر يول ئاپتوموبىللىرىدا بىخەتەرلىك ھادىسىسى كۆپ يۈز بېرىش ئەھۋالىغا قارىتا، قاتناش- تىرانسپورت يېڭى كەسىپ ھالىتىنى ماسلىشىپ نازارەت قىلىش مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە يىغىنىدا، مەملىكەت مىقياسىدا توردا كېلىشىدىغان ئاپتوموبىل، ئۆتەر يول ئاپتوموبىلى چاقىرىش سۇپا شىركەتلىرىنىڭ جامائەت بىخەتەرلىكى، تىجارەت بىخەتەرلىكى ۋە تور بىخەتەرلىكى قاتارلىقلارنى مەخسۇس تەكشۈرۈش قارار قىلىندى. ئورۇنلاشتۇرمىلارغا ئاساسەن، 9- ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە، بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى دى دى شىركىتىگە ئورۇنلىشىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، سانلىق مەلۇماتلارنى تۇتاشتۇرۇش، سۈرۈشتۈرۈش- سۆھبەتلىشىش قاتارلىق باسقۇچلۇق تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىغان، نۆۋەتتە خۇلاسىلەپ تەھلىل قىلىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر