خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-سېنتەبىر، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيەنىڭ ۋلادىۋوستوكقا يېتىپ بېرىپ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 4-نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتناشتى.
شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان ۋلادىۋوستوك خەلقئارا ئايرودرومىغا قوندى. شى جىنپىڭ ئايروپىلان بۆلۈمچىسىدىن چىققاندا، رۇسىيەنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قىزغىن كۈتۈۋالدى.
جۇڭگونىڭ رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لى خۇيمۇ ئايرودرومغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.
بۇ نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى 9-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 13- كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، «يىراق شەرق: تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت» باش تېما قىلىنغان. مۇنبەر ئۆتكۈزۈلگەن مەزگىلدە، شى جىنپىڭ پۇتىن بىلەن كۆرۈشىدۇ ھەمدە جۇڭگو-رۇسىيە ئىقتىساد-سودا، ئادىمىيەت، يەرلىك ئالاقە قاتارلىق پائالىيەتلەرگە بىرلىكتە قاتنىشىدۇ. شى جىنپىڭ يەنە مۇنبەرگە قاتناشقان ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى