باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئوقۇش باشلاندى! بۇ ئوقۇش ماتېرىياللىرى «زەھەرلىك»! بالىغا ھەرگىز ئىلىپ بەرمەڭ!

2018.09.04 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئوقۇش باشلاندى! بالىلارنى ئەڭ خۇشال قىلىدىغان ئىش يېڭى ئوقۇش قوراللىرى سېتىۋېلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە بازاردىكى رەڭگارەڭ ئوقۇش قوراللىرىنىڭ ھەممىسى بالىلارغا ماس كەلمەيدۇ، ئوقۇش قوراللىرى تاللاشمۇ بىر تېخنىكىلىق ئىش، ياخشى تاللىمىسا بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يېتىدۇ. تۆۋەندىكى ئوقۇش قوراللىرىنى بالىلارغا ئىلىپ بەرسىڭىز بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىشى مۇمكىن:

  1. خۇشپۇراق ئوقۇش قوراللىرى

  بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسى قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى جاۋ فېي بالىلارغا خۇشپۇراق ئوقۇش قوراللىرى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەگەر پۇرىقى بەك كۈچلۈك بولۇپ كەتسە، بالىلارنىڭ بۇرۇن شىللىق پەردىسى ۋە كۆزىنى غىدىقلاپ، چۈشكۈرۈش، كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردىسىگە قان تولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بالا توختىماي بۇرۇنىنى كوچىلاپ كۆزىنى ئۇۋۇلايدۇ، ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق قىلسا، بۇرۇن شىللىق پەردىسى شەلۋەرەپ قاناپ كېتىدۇ ۋە زەخىملىنىدۇ، بۇ بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ بىر پۈتۈن ئىسسىتىشىغا نەملىك قوشۇش ئىقتىدارى، پۇراش ئىقتىدارى، نەپەسلىنىش ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. ئامال بار پۇرىقى ئۇنچە بۇرۇننى ئېچىشتۇرمايدىغان مۇنتىزىم مەھسۇلاتلارنى تاللاپ سېتىۋېلىڭ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ئۆزگەرتىش سۇيۇقلۇقىنى ئىمكانقەدەر ئاز ئىشلىتىشنى ئەسكەرتىشى كېرەك.

  2. رەڭگى بەكلا ئاق مەشىق دەپتىرى

  نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار خاتا ھالدا قەغەز قانچە ئاق بولسا، سۈپىتى شۇنچە ياخشى دەپ قارايدۇ. لېكىن، «ئوقۇغۇچىلار ئىشلىتىدىغان بۇيۇملارنىڭ بىخەتەرلىك ئومۇمىي تەلىپى»دە: «ئوقۇغۇچىلار ئىشلىتىدىغان دەرسلىك كىتاب قاتارلىق قەغەز بۇيۇملارنىڭ يورۇقلۇقى %85تىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك» دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. رەڭگى بەك ئاق قەغەز بالىلارنىڭ كۆزىنى غىدىقلاپ، چارچاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇزاق مۇددەت ئىشلەتكەندە، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كېتىدۇ. ئادەتتە ئاقلىق دەرىجىسى %85تىن تۆۋەن بولغان قەغەزلەرنىڭ ھەممىسى سارغىيىپ كېتىدۇ، شۇڭا رەڭگى سەل سېرىق بولغان دەپتەرلەرنى ئالدىنقى قاتارغا كىرگۈزۈش كېرەك.

  3. رەڭدار ئوقۇش قوراللىرى

  نۇرغۇن بالىلار ئوقۇش قوراللىرىنى چىشلەشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەگەر رەڭلىرى مول بولغان ئوقۇش قوراللىرىنىڭ ياساش ھۈنەر سەنئىتى ئاددىي بولسا، كۆپ ھاللاردا يوشۇرۇن خەۋپ مەۋجۇت بولىدۇ، ئەگەر راستتىنلا زەھەرلىك ماددىلار بولسا، بالا چىشلىسە، ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق قان تومۇرغا كىرىدۇ، بۇ بالىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئېغىر بولغاندا يەنە زەھەرلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى رەڭسىز ياكى سۇس رەڭلىك ئوقۇش قوراللىرىنى سېتىۋېلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادەتتە بالىلارغا ياخشى تازىلىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئېغىزدا ئوقۇش بۇيۇملىرىنى چىشلىمەسلىك، قولىنى قېرىنداش قەلەم، رەڭلىك قەلەم بىلەن سىزىپ بولغاندىن كېيىن، دەرھال يۇيۇۋېتىش كېرەك.

  4. سولياۋ خالتا ۋە كىتاب قېپى مەھسۇلاتى

  2017- يىلى 2- ئايدا، بەزى ئاخبارات خەۋەرلىرىدە، شاڭخەي شەھەرلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى ئارىلاپ تەكشۈرۈش ئۆيىدە ئىشلەپچىقارغان، ساتقان ۋە تور دۇكىنىدا ساتقان 30 تۈركۈم ( قېتىم ) سولياۋ خالتا ۋە كىتاب قېپى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى بايقىغان. بۇنىڭ ئىچىدە، 25 تۈركۈم ( قېتىم ) فىتالىك كىسلاتا ئېستېرى پىلاستىكلاشتۇرغۇچ تۈرى ھۆكۈم قىلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، دېيىلگەن. كىتاب قېپى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا، سولياۋنى يۇمشىتىش ئۈچۈن، ئادەتتە پىلاستىكلاشتۇرغۇچ قوشۇلىدۇ، بۇ خىل پىلاستىكلاشتۇرغۇچ پىلاستىك ماتېرىيال سانائىتىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ تەركىبىدە فىتالىك كىسلاتا ئېستېرى بار. ئەگەر زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىنسا، ئادەم بەدىنىدىكى ئانىلىق ھورمۇننىڭ ئاجرىلىشىنى كۆپەيتىپ، بالىلارنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنى بالدۇر يېتىلدۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالىلارنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. شۇڭا ئاتا-ئانىلارغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمىزكى، ئەگەر بالىلارغا قەغەز بىلەن كىتاب ئوراپ بەرەندە، ھەم كىتابلارنى قوغدىغىلى، ھەم بالىلارنىڭ قول سېلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر