باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى
ئۆلكە دەرىجىلىك تۆت ئورۇنغا 155 مىليون يۈەن مەركەزنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغى ئاجراتتى

2018.09.11 09:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، مالىيە مىنىستىرلىقى، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى 7-چېسلا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، يۈننەن ئۆلكىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە مەركەز مالىيەسىنىڭ تەبىئىي ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تۇرمۇش ياردەم مەبلىغىدىن 155 مىليون يۈەننى جىددىي ئاجراتقان، ئاساسلىقى يېقىنقى مەزگىلدىكى ئالاقىدار ئۆلكىلەردىكى قاتتىق يامغۇردىن كېيىنكى كەلكۈن ۋە لاتقا-شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىگە ئۇچرىغان ئاممىنى جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىش، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، بۇزۇلغان ئۆيلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش، ئاپەت سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەسەللىي بېرىش قاتارلىق ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىكەن.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، دۆلەت ئاپەتنى يېنىكلىتىش كومىتېتى، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى گۇاڭدۇڭ، يۇننەن، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن قاتتىق يامغۇردىن كېيىنكى كەلكۈن ۋە لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىگە قارىتا دۆلەتنىڭ تۆتىنچى دەرىجىلىك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش جىددىي ئىنكاسىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئايرىم خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، ئاپەت ئېغىر بولغان رايونلارنىڭ ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر