باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇرۇش جىنايىتىنى تەكشۈرۈشنى توسۇش ئۈچۈن ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە قاتتىق گەپ بىلەن تەھدىت سالدى

2018.09.11 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى جون بولتوننىڭ بىر پارچە نۇتۇق ئورىگىنالىدا كۆرسىتىلىشىچە، دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە قاتتىق گەپ قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا ئۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزۈشكە چېتىشلىقلىقىنى تەكشۈرىدىغان سوتچىلىرىنى جازالايدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان.

  رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ ئېرىشكەن نوتۇق تېزىسىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئافغانىستان ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكا ھەربىيلىرى ۋە ئاخبارات خادىملىرى چېتىلىدىغان ئۇرۇش جىنايىتىنى تەكشۈرۈشنى رەسمىي باشلىسىلا، ترامپ ھۆكۈمىتى «قايتۇرما زەربە» بېرىدىكەن؛ ئەگەر تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرسا، ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىلىرى ۋە تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى مەنئى قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدىكى مەبلىغىنى جازالايدىكەن ھەمدە ئامېرىكا سوت مەھكىمىسىدە ئۇلارنى ئەرز قىلىدىكەن.

  نوتۇق تېزىسىدا مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكا «خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى بىلەن ھەمكارلاشمايدۇ، ھەرقانداق ياردەم بىلەن تەمىنلىمەيدۇ، قاتناشمايدۇ... قىسقىسى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئاللىبۇرۇن تۈگەشتى». ئامېرىكا بەلكىم تېخىمۇ كۆپ چەكلەش كۈچىگە ئىگە ئىككى تەرەپلىك كېلىشىمى ئۈستىدە سۆھبەتلىشىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئامېرىكا پۇقرالىرىنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشىدىن ساقلىنىشى مۇمكىن.

  خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «رىم ئەھدىنامىسى»گە ئاساسەن، 2002-يىلى 7-ئايدا گوللاندىيەنىڭ گائاگا شەھىرىدە قۇرۇلغان بولۇپ، دۆلەتلەر، پاش قىلغۇچىلار ۋە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى سوت قىلىشقا ھاۋالە قىلغان دېلولارنى سوت قىلىشقا مەسئۇل، ئىرقىي يوقىتىش جىنايىتى، ئۇرۇش جىنايىتى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە تاجاۋۇز قىلىش جىنايىتىنى سوت قىلىشقا ھوقۇقلۇق، لېكىن پەقەت شەخسلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنىلا سۈرۈشتۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر