باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئوقۇغۇچىلار ئومۇميۈزلۈك نەپكە ئېرىشتى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەپ ئېلىش تۇيغۇسى كۈچەيدى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى كېڭەيتىلدى

جۇڭگو مائارىپى «تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل» بولۇشقا قەدەم ئالدى

2018.09.10 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 18- قۇرۇلتاي مابەينىدە، مائارىپ ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «مائارىپ تۈزۈلمە-مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» قاتارلىق بىر يۈرۈش پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت ۋە تەدبىرلەر چىقىرىلدى، جۇڭگو مائارىپىنىڭ قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ ئاتاكىغا ئۆتۈش مارشىنى ياڭرىتىش بۇيرۇقى چىقىرىلىپ، «تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئادىل» بولۇش كۈچى ئاشۇرۇلدى.

  

  «يېشىل يول» ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش


  بۇ يىل كۈزدىكى يېڭى پەسىلدە، مەملىكەتتىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر «يېشىل يول» ئېچىپ، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇردى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 9- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە تىزىمغا ئالدۇرغان يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىن %14كە يېقىن ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپلەرگە «يېشىل كارىدور» ئارقىلىق كىرگەن. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى سەككىز ئېيىدا، ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلى بېجىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 3 مىليون 840 مىڭ نەپەر بولۇپ، قەرز پۇلى سوممىسى بۇلتۇرقىدىن ئاشقان . 18- قۇرۇلتاي مابەينىدە، جەمئىي 5 مىليون 200 مىڭ ئادەم (قېتىم) ئوقۇغۇچىغا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىلىپ، سوممىسى 886 مىليون 400 مىڭ يۈەن بولغان. جۇڭگونىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشتىكى سىياسەت سىستېمىسى بارلىق ئوقۇش باسقۇچلىرىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان بولۇپ، بۇنى ئوقۇشقا ياردەم بېرىشتىكى دۆلەتلىك سىستېما بىلەن سېلىشتۇرغاندا، نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مائارىپنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا ئېلىپ كەلگەن ئىللىقلىقىدىن ھېس قىلىدىغىنى يەنىلا دۆلەتنىڭ مالىيە خاراكتېرلىك مائارىپ خىراجىتى چىقىمىنىڭ GDPدە ئىگىلىگەن نىسبىتى بولماقتا. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2012- يىلىدىن بۇيان، بۇ نىسبەت ئۇدا ئالتە يىل %4 بويىچە ئېشىپ كەلگەن.

  مائارىپ ئىسلاھاتى جەريانىدا، مىليونلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھان مائارىپى بېسىمىنى پەسەيتىپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىسلاھات تەدبىرى ئۈچۈن، ئەڭ ئاساسلىق مەسئۇل تارماقلاردا ئوقۇغۇچىلارنىڭ «يادرولۇق ساپاسىنى يېتىلدۈرۈش» تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە تۇرغۇزۇلدى. كىشىلەر جۇڭگوچە ئىپادىلەش، ئىزدەش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ «يادرولۇق ساپاسىنى يېتىلدۈرۈش» ئۈچۈن جۇڭگوچە يول ئۈستىدە ئىزدىنىشكە كىرىشىپ كەتتى. ئۇندىن باشقا، دۆلەت يەنە «پۈتۈن ئىشنى بىرلەشتۈرۈش» ۋە «ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈش»تەك تەدبىرلەرنى قوللىنىش نەتىجىسىدە، بۇ خىل ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرى ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋە كەسپىي مائارىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا كۆپ پايدا ئېلىپ كەلدى.

  تەمىنات يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ غەيرىتى تولۇپ تاشتى

  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتى زور دەرىجىدە ئاشتى. مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017- يىلى بىلەن 2012- يىلىنى سېلىشتۇرغاندا، مائارىپتىكى كەسپى مائاش كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %74 بولغان. 2018- يىلىنىڭ بېشىدا ئېلان قىلىپ يولغا قويغان «يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»دە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «ھۆكۈمەت باشقۇرغان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دۆلەت خىزمەتچىسى بولۇشتەك ئالاھىدە قانۇنىي ئورنىنى بېكىتىش كېرەك»؛ «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىش ھەققىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئۈنۈم تۈزۈمى ۋە بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۈنۈم مائاشى ئومۇمىي مىقدارىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندە شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ ئەمەلىي كىرىم سەۋىيەسىنى بىر تۇتاش ئويلىشىش، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش كىرىمى سەۋىيەسىنىڭ شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش كىرىمى سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.»

  دۆلەت ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي تەرەققىياتى ئۈچۈن شارائىت ياراتتى، بولۇپمۇ ھازىرقى زامان ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئوقۇتۇش ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىش جەھەتتە، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بەردى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2017- يىلىغىچە، جۇڭگودا 10 مىليونغا يېقىن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مۇدىرى، 200 مىڭدىن ئارتۇق كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى مائارىپ ئۇچۇرلاشتۇرۇش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەندى، «كەڭ بەلباغلىق تور بىلەن مەكلەپلەرنى تۇتاشتۇرۇش» ئۇچۇرلاشتۇرۇلغان ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئۈنۈمى تولۇق نامايان قىلىندى.

  يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى مائارىپ ئۇچۇرلاشتۇرۇش 2.0 ھەرىكەت پىلانى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن،يەنە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى باشلاپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئارقىلىق مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە ياردەم بېرىدۇ.

   مەكتەپ ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا باھالايدۇ

  مائارىپتا مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ،مەكتەپلەرنىڭ مۇستەقىل مەكتەپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنىئەمەلىيلەشتۈرۈش − يېڭى دەۋردىكى مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى. يېقىنقى يىللادىن بۇيان، مائارىپنىڭ مەمۇرىيلىشىشى قاتارلىق جاھىل ئىللەتلەرنى ئىدارە قىلىشتا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدىكى سەۋەب شۇكى، ناھايىتى زور دەرىجىدە مائارىپتىكى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىدە. بىر تەرەپتىن، مەركەز ھوقۇقنى يەرلىككە بېرىپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر، بولۇپمۇ ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مائارىپنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ھوقۇقىنى ئاشۇردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ھۆكۈمەتلەر ھوقۇقنى مەكتەپكە بېرىپ، مەكتەپلەرنىڭ ئۆزئالدىغا مەكتەپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈردى ۋە كېڭەيتتى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئورگان تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ئىستاتىستىكا نەتىجىسىگە قارىغاندا، 2012-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە تۆۋەنگە چۈشۈرگەن مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرى 14 تۈرگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، «ئالىي مائارىپ بويىچە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ مەخسۇس كۇرس كەسىپلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش»، «پۇقراۋى مەكتەپلەرنىڭ تەكلىپلىك تەيىنلەنگەن مۇدىرلىرىنى تەستىقلاش»، «دۆلەت نۇقتىلىق پەنلىرىنى تەستىقلاش» قاتارلىق يادرولۇق ھوقۇقلار بار. 2017- يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى «ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالاشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسىنى تارقىتىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالاش ھوقۇقىنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگەبىۋاسىتە چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېنىق بەلگىلىدى. بۇ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى مۇستەقىل باھالاش ھوقۇقىغا ئىگە بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر