باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى مۇنبەردە پورەكلەپ ئىچىلىۋاتقان ياشلىق

2018.09.10 16:25   مەنبە: خەلق تورى

تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى مۇنبەردە پورەكلەپ ئىچىلىۋاتقان ياشلىق

  تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئەڭ ئىچكىرىسىدىكى كىندىكىگە جايلاشقان كېرىيە ناھىيەسىنىڭ دەريا بويى مەكتىپىگە ياردەمگە كەلگەن ئوقۇتقۇچى جۇ پىڭ بىرىنچى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارغا دەرس مەزمۇنلىرىنى تەكرارلاش ئىلىپ بارماقتا (7- سېنتەبىر تارتىلغان).

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017- يىلى 11- ئايدا، خۇنەن ئۆلكىسى ۋۇگاڭ شەھىرىدىكى جۇ پىڭ قىيىنچىلىقتا ئۆزىنى چېنىقتۇرۇش ۋە تاۋلاش خىيالىغا كېلىدۇ. نەتىجىدە ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە، شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەسىدىكى دەريابويى مەكتىپىگە مائارىپقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلىدۇ. دەريا بويى مەكتىپى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ كېرىيە ناھىيەسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 200 كىلومېتىر بولغانلىقى ئۈچۈن، قاتنىشى قولايسىز، ئالاقىلىشىش تېلېفون سىگنالى مۇقىم ئەمەس بولۇپ، پۈتۈن زېمىن «بىپايان قۇم دېڭىزى» كەنتىدەك كۆرۈنەتتى. مۇشۇنداق قىيىن شارائىتتا، جۇ پىڭ ھەر ئايدا پەقەت بىر قېتىم ناھىيە بازىرىغا بېرىپ تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىۋالىدىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، توردىن ئازراق ماتېرىيال چۈشۈرۈۋېلىپ قوشۇمچە ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. جۇ پىڭ يەنە بىرىنچى يىللىقتىكى 16 ئوقۇغۇچىغا سىنىپ مەسئۇلى بولۇپ، ئۇلارغا ئاساسلىق تىل - ئەدەبىيات دەرسىنى ئۆتىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسلىدىكى ئاساسى ئاجىز بولغاچقا، ئۇ بالىلارغا كۆيۈنگەن ھالدا ۋە ئىنتايىن زور سەۋرچانلىق بىلەن، ئۇلارنى سۆزمۇسۆز ئۆگىتىپ مەشىق قىلدۇرىدۇ. مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان دەرستىن باشقا يەنە، ئۇ قۇملۇق سىرتىدىكى ئۇچۇرلار ۋە يېڭى شەيئىلەرنى بالىلارغا سۆزلەپ بېرىپ، بالىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ. ئۇ داۋاملىق تۈردە «مېنىڭ ئەڭ خۇشال بولغان كۈنۈم بالىلارنىڭ ئىلگىرىلىشىنى كۆرگەن كۈنۈم ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا، بۇنىڭ ئۈچۈن مەن چوقۇم تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىم كېرەك» دەيدۇ. گەرچە ئۇ تۇرمۇش مۇھىتى قاتارلىق جەھەتلەردە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، جۇ پىڭ ئۆزىگە ئۆزى يەنىلا قېلىشتا چىڭ تۇرۇشۇم كېرەك، دەپ ئويلاپ، قېلىشتا چىڭ تۇرىدۇ. بۇ يىل 11-ئاي مەزگىلىدە، دەريا بويى مەكتىپىنىڭ بالىلار باغچىسى دەريا بويى كەنتىنىڭ جايلار ئارا نامراتلارنى كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا كۆچۈرۈلىدىغان بولۇپ، باشقا يىللىقلار كېلەر يىلى ئەتىيازدا كۆچۈشكە باشلايدۇ. بۇ چاغدا، مەكتەپ شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: «ئوقۇغۇچىلارغا قەرز بېرىش»نىڭ قايتا باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا قارىتا ھوشيارلىقنى ئ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەكتەپتە قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇش قاتتىق چەكلىنىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى چارە يوليورۇقى تارقىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇپ تۇرۇپ ئىش…
    ·ئوقۇش باشلاندى! بۇ ئوقۇش ماتېرىياللىرى «زەھەرلىك»! بالىغا ھەرگىز ئىلىپ بەرمەڭ!
    ·جياڭسۇ ئۆلكىسى ئۇنىۋېرسال تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى نۇقتىدا سىناق قىلىدۇ
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق سەككىز تارماق بىرلىشىپ ھۆججەت ئېلان قىلدى: تور ئويۇنلىرىنىڭ ئومۇمىي م…
    ·مەجبۇرىيەت مائارىپى: «يېزا-كەنتلەرنىڭ ئاجىز»، «شەھەر-بازارلارنىڭ قىستاڭ» بولۇشىنى ھەل قىلىش كېرەك
    ·شى جىنپىڭ: بالىلارنىڭ كۆزىنى بىرلىكتە ياخشى ئاسراپ، ئۇلارنى پارلاق كەلگۈسىگە ئىگە قىلىش كېرەك
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى: يەسلىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوخشاش ئىشقا ئوخشاش ھەق بەرمەسلىك مەسىلىسىنى  تەدرىج…
    ·پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ھەر قايسى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر 2019- يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ…