باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز ۋە يەرلىك كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، كەڭ كادىرلارنى يېڭى بۇرچنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى

ئىش قىلىشنى خالايدىغانلارغا پۇرسەت بېرىش، ئىش قىلالايدىغانلارغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىش كېرەك

2018.09.07 16:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركەزدىن يەرلىككىچە، كادىرلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە-مېخانىزمىدا بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، كادىرلارنىڭ ئاكتىپچانلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىتىپ، خادىملارنىڭ تولۇق تاشقان ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا بېسىپ تارقاتقان «كادىرلارنى يېڭى دەۋردە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»دە ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسىتىلگەن: ياخشى كادىر ئۆلچىمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇل بولۇشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالالايدىغان، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر، نەتىجىسى گەۋدىلىك كادىرلارنى كۈچەپ تاللاپ ئىشقا قويۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى بايراق روشەن ھالدا تۇرغۇزۇش كېرەك. «ئادەم ئىشلىتىشكە ماھىر كىشىلەر قابىلىيەتلىكلەرنىڭ قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ، نەزەر دائىرىسى كەڭ كىشىلەرنى ئەقىل كۆرسەتكۈزىدۇ.» مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ پىروفېسسورى شىڭ مىن مۇنداق قارىدى: كادىرلارغا بولغان ئەڭ زور ئىلھام توغرا ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدۇر، بىر ئادەمنى ياخشى ئىشلەتسە بىر توپ كىشىلەر ئىلھاملىنىدۇ. «كادىرلارنى يېڭى دەۋردە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» بىر خىل ئېنىق يۆنىلىش تۇرغۇزدى، يەنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ ئىش قىلالايدىغانلارغا ئورۇن ھازىرلاپ، پاسسىپ ئىش قىلالمايدىغانلارنى بوشاتتى، بۇنىڭ بىلەن كادىرلار ئۆزىنى بىلىپ، سەل چۆچۈدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جايلار كادىرلارنى تەيىنلەش-ئۆستۈرۈشتە كەسىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، ئىشقا قاراپ ئادەم تاللاشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كادىرلارنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلەش، ئەمەلىي نەتىجە يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزدى.

  ئىش قىلغاندا، ئىگىلىك تىكلىگەندە ھەمىشە خەۋپ-خەتەرگە يولۇقىدۇ، بولۇپمۇ ئىسلاھات جېڭىدە ھەر بىر تۈرلۈك خىزمەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ مەغلۇپ بولماسلىقنى تەشەببۇس قىلىشقا بولمايدۇ، تەشكىل مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغانلارغا مەدەت بېرىشى كېرەك. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى شىن شياڭياڭ مۇنداق قارىدى: «كادىرلارنى يېڭى دەۋردە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «ئۈچنى ئايرىش» تەلىپىگە ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، تۇنجى قېتىم تۈزۈم قاتلىمىدىن خاتالىقنى ئەپۇ قىلىش-تۈزىتىش مېخانىزمى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە بەلگىلىمە چىقىرىپ، كادىرلارنىڭ ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدىكى سەۋەنلىكلىرىگە كەڭ قورساق بولۇپ، كەڭ كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ خاتىرجەم ئىش قىلىدىغان قىلدى.

  جايلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە «كادىرلارنى يېڭى دەۋردە يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا يەنىمۇ رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش جەريانىدىكى سەۋەبلىك، خاتالىق بىلەن ئىنتىزام-قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق ئايرىپ، خادىملارنىڭ بىر قولدا خەنجەر تۇتۇپ ئاتلىنىپ، يەنە بىر قولغا قالقان تۇتۇپ ئۆزىنى قوغدىشىدىن ساقلىنىپ، ئۇلارنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەشكە كىرىشتۈرۈش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر