2009-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى، ۋىلادىۋوستوك شەھىرى ئەتراپىدىكى «ئوكيان» رۇسىيە بالىلار مەركىزىدە، جۇڭگونىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتى رايونىدىن كەلگەن كۈتۈنۈشى ئاخىرلىشىش ئالدىدىكى بالىلار يېتەكچىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ۋىلادىۋوستوك شەھىرى ئەتراپىغا جايلاشقان «ئوكيان» رۇسىيە بالىلار مەركىزى خۇددى بىر ئاق يەلكەنلىك كېمىگە ئوخشاش دېڭىزغا تەلپۈنۈپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن بالىلارنى قارشى ئالىدۇ.
ئون يىل بۇرۇن، سىچۇەن قاتارلىق جايلاردىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى رايونىدىن كەلگەن بىر توپ بالا ئىلگىرى بۇ يەردە داۋالىنىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئەسلىدىكى سەبىي ھېسسىياتلىق كۆزلەرنى ئاپەتتە تۇمان قاپلىغان ئىدى. «ئوكيان» قۇچاق ئېچىپ، بۇ بىر توپ بالىلارنىڭ يېشىنى سۈرتۈپ، ئازابىغا تەسەللىي بەردى. ئايرىلىدىغاندا، بۇ سەبىيلەرنىڭ قارا كۆزلىرىدىكى توزانلار يۇيۇلۇپ، بارا-بارا نۇرلىنىپ، خاتىرجەملىك ئەكىس ئەتتى.
ئون يىلدىن كېيىن، دېڭىز دولقۇنىنىڭ ساداسىغا جۆر بولۇپ چوڭ بولغان بالىلار بۇ مۇھەببەت دېڭىزىغا قايتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىللىقلىق ۋە خاتىرجەملىك بار بولۇپ، مىننەتدارلىق ۋە ئۈمىدكە تولغان ئىدى.
ئۇلارنىڭ ھېكايىسى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى بايان قىلىپ، تاغ-دېڭىز ھالقىغان مېھىر- مۇھەببەتنى تېخىمۇ نامايان قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى