باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىرازىلىيە زۇڭتۇڭ نامزاتى ھۇجۇمغا ئۇچراپ يارىلاندى

2018.09.07 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرازىلىيە ساقچىلىرى 6- چېسلا خەۋەر ئېلان قىلىپ: بىرازىلىيە زۇڭتۇڭ نامزاتى بورىس سانارو شۇ كۈنى سايلام رىقابىتى پائالىيىتى داۋامىدا ھۇجۇمغا ئۇچراپ يارىلاندى، شۇڭا سايلام رىقابىتى پائالىيىتى ئۈزۈلۈپ قېلىشىغا مەجبۇر بولدى، دېدى.

  بىرازىلىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بورىس سانارو شۇ كۈنى بىرازىلىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسىمىغا جايلاشقان مىناس گرايېس ئىشتاتىدىكى ژۇيز دې فورا شەھىرىدە سايلام رىقابىتى پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان. سايلام رىقابىتى پائالىيىتى جەريانىدا، ئۇنى قوللىغۇچىلار بورىس سانارونى دولىلىرىغا ئېلىپ كۆتۈرۈشۈپ كىشىلەر توپى ئارىسىدا مېڭىۋاتقان ۋاقىتتا، تۇيۇقسىز بىرسى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ بورىس سانارونىڭ قورساق قىسىمىغا پىچاق تىقىپ يارىلاندۇرغان، ئارقىدىنلا بورىس سانارو جىددىي قۇتقۇزۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئەكىتىلگەن.

  مىناس گېرايس ئىشتاتى ساقچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قاتىل قولغا ئېلىنغان.

  بورىس سانارونىڭ ئوغلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بورىس سانارو پەقەت سىرتقى زەخىمىگە ئۇچرىغان بولۇپ، زەخىملىنىشى ئانچە ئېغىر ئەمەس ئىكەن. نۆۋەتتە ھالىتى ياخشى ئىكەن.

  بىرازىلىيە 10- ئايدا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزىدۇ. 9- ئاينىڭ 6- كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئەلرايى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، سايلام رىقابىتىدە سابىق زۇڭتۇڭ لۇلا يوق ئەھۋالدا، بورىس سانارونىڭ قوللاشقا ئېرىشىش نىسبىتى %22 بولۇپ، باشقا نامزاتلارنىڭ ئالدىدا تۇرغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر