- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى
2018.09.07 15:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 6- سېنتەبىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا: يېڭىدىن تۈزىتىلگەن شەخسىي تاپاۋەت بېجى قانۇنىغا يەنە يانداش تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بېكىتىلدى، ھەمدە شۇ ئارقىلىق كەڭ ئاممىنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى؛سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش فوندىنىڭ باج سېلىقى نىسبىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن كۆپەيمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قارار قىلىندى؛ يېڭى نۇسخىلىق «قوش يېڭىلىق يارىتىش» ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، شۇ ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچى ۋە كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى. يۇقىرىقىلار «پاتېنت ۋاكالەتچىلىك نىزامى (تۈزىتىلمە لايىھەسى)»دا ماقۇللاندى.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشى ئارقىلىق، يېڭىدىن تۈزىتىلگەن شەخسىي تاپاۋەت بېجى قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن تۈرگە ئايرىش بىرلەشتۈرۈلگەن شەخسلەر تاپاۋەت بېجى تۈزۈمىنى ئورنىتىش مەسىلىسى، ئېلىمىزنىڭ مىسلىسىز مۇھىم باج تۈزۈمى ئىسلاھاتى ھېسابلىنىدۇ. 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، ئۆز قەرەلىدە شەخسىي تاپاۋەت بېجى ئېلىنمايدىغان ئاساسىي باج ئۆلچىمىنى 3500 يۈەندىن 5000 يۈەنگە ئۆستۈرۈش ۋە ئۇنىڭ يېڭى باج نىسبىتى جەدۋىلىگە ماس كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەڭ ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈش تەلىپى بويىچە ئۇنى چىڭ تۇتۇپ، پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەش، ئۈزلۈكسىز مائارىپ، ئېغىر كېسەلنى داۋالىتىش، ئادەتتىكى تۇرالغۇ قەرز پۇلى ئۆسۈمى، تۇرالغۇ يەرلەر ئىجارە ھەققى ۋە ياشانغانلارنى بېقىش چىقىمى قاتارلىقلاردا قوشۇمچە تۇتۇپ قېلىندىغان 6 تۈرلۈك مەخسۇس تۈرنىڭ كونكرېت دائىرىسى ۋە ئۆلچىمى ئېنىق بولدى، ئاممىنىڭ باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كىرىمىنىڭ ئاساسىي خىراجەت ئۆلچىمى بولسا، تۇتۇپ قېلىنغان تۈرلەر ئاساسىدا، يەنە تەربىيەلىنىش، داۋالىنىش ۋە كۈتۈنۈش قاتارلىق جەھەتلەردە قوشۇمچە چىقىرىۋېتىشتىن بەھرىمەن بولىدۇ. بۇنىڭدا، تۇتۇپ قىلىنغاندىن كېيىنكى باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كىرىمىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىنىڭ 5000 يۈەندىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ باج يۈكىنى يەنىمۇ يېنىكلىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئەمەلىي كىرىمى ۋە ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
مەخسۇس قوشۇمچە تۇتۇپ قېلىنىدىغان تۈرلەرنىڭ دائىرىسى ۋە ئۆلچىمىنى بېكىتىشتە، جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئېلىنغاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە كېلەر يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، مەخسۇس تۈردىكى قوشۇمچە تۇتۇپ قېلىشنىڭ دائىرىسى ۋە ئۆلچىمى يەنە ھەرىكەتچان تەڭشىلىدۇ. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھازىر مەملىكەت بويىچە كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ جەمئىي قالدۇقى بىر قەدەر كۆپ، ئۇلارنىڭ ۋاقتىدا ۋە تولۇق تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا يىغىش ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشتىن بۇرۇن، جايلار ھازىرقى يىغىش سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكىنى بىردەك ساقلاپ قېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىشنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى كۆپەيتمەسلىككە ئومۇمىي جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىجتىمائىي كۆزلىمىنى ياخشى تەرەپكە يېتەكلەش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر