باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ چاۋشيەن دۆلەت بايرىمىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چاۋشيەن ئەڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇنغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

2018.09.10 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 9-كۈنى چاۋشيەن دۆلەت بايرىمىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت كومىسسارىياتىنىڭ باشلىقى كىم جۇڭئۇنغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، مەن جۇڭگو كومپارتىيەسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى، جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، شۇنداقلا ئۆز نامىمدىن سىزنى شۇنداقلا سىز ئارقىلىق چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى، چاۋشيەن ھۆكۈمىتى، چاۋشيەن خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ھەمدە سىلەرگە سەمىمىي تىلەكلەرنى تىلەيمەن.سىزنىڭ باشچىلىقىڭىزدىكى چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور نەتىجە ھاسىل قىلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن. چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ گۈللەپ روناق تېپىشىغا ۋە خەلقنىڭ بەختلىك، ئامان بولۇشىغا چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر