باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن تەبىئىي گازنىڭ ماس، مۇقىم راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا پىكىر تارقاتتى

2018.09.06 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «تەبىئىي گازنىڭ ماس، مۇقىم راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، ساقلاش، سېتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ۋەزىپىسىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىك ئىستراتىگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەبىئىي گاز كەسىپ تەرەققىياتىدىكى چوڭقۇر زىددىيەتلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، تەبىئىي گاز تەرەققىياتى تەڭپۇڭ بولماسلىق، تولۇق بولماسلىق مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ساقلاش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تېز ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى ئاساسەن تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، ئەسلىھەلەرنى بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى گاز ئىشلىتىشكە كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىپ، بازار مېخانىزمىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، تەبىئىي گاز كەسپىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك، بىخەتەر، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، ساقلاش، سېتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش ۋە ئېھتىياجنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. بىرىنچى، دۆلەت ئىچىدىكى تەكشۈرۈش ۋە ئېچىش سالمىقىنى زورايتىش لازىم. نېفىت- گاز چارلاش- ئېچىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى تېزدىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، نېفىت- گاز تەكشۈرۈش بۆلىكىدىن چېكىنىپ چىقىش مېخانىزمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بۆلەكلەر بويىچە رىقابەتلەشتۈرۈپ ئۆتۈنۈپ بېرىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، كانچىلىق ھوقۇقىنى بازارلاشتۇرۇپ ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ئىشلىتىلمىگەن زاپىسىنى تېز ئىشقا سېلىپ، دۆلەت ئىلكىدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز كارخانىلىرىنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى باھالاشنى كۈچەيتىش لازىم. ئىككىنچى، چەت ئەلدىكى تەبىئىي گاز كۆپ مەنبەلىك تەمىنات سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر (رايونلار)نىڭ تىرانسپورت ئۇسۇلى، ئىمپورت يولى، توختام ئەندىزىسى ۋە قاتنىشىش سۇبيېكتىنىڭ كۆپ مەنبەلەشتۈرۈلۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئۈچىنچى، كۆپ قاتلاملىق زاپاس ساقلاش سىستېمىسى بەرپا قىلىش لازىم. يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە شەھەر- بازارلاردىكى يېقىلغۇ گاز شىركەتلىرىنىڭ گاز ساقلاش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، زاپاس ساقلاش ئەسلىھەلىرىنىڭ تۈجۈپىلەنگەن كۆلەملىك تىجارىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، زىيادە تارقاقلاشتۇرۇشتىن ساقلىنىپ، تۈرلۈك مەبلەغ سېلىش سۇبيېكتلىرى بىلەن شېرىكلىشىپ، گاز ساقلاش ئەسلىھەلىرىنى ھەمكارلىشىپ قۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش لازىم. تۆتىنچى، تەبىئىي گاز ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش لازىم. نېفىت- گاز تۇرۇبا تورى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئۈچىنچى تەرەپ بازار سۇبيېكتلىرىغا ئادىل ئېچىۋېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم؛ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ رەسمىيىتىنى بېجىرىش ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقتىنى قىسقارتىش لازىم.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: تەبىئىي گاز ساھەسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماسلىشىپ مۇقىم راۋاجلىنىش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. بىرىنچى، تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەش ۋە ئېھتىياجنى ئالدىن ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىش لازىم. ئىككىنچى، تەبىئىي گاز تەرەققىيات ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش لازىم. ئۈچىنچى، تەبىئىي گاز ئېھتىياج ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق باشقۇرۇش ۋە يۇقىرى پەللىدىكى تەڭشەش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. يۇقىرى پەللىدىكى خېرىدار باشقۇرۇش چارىسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، رايون ۋە خېرىدار قوش گاز مەنبەسى، كۆپ خىل گاز مەنبەسى بىلەن تەمىنلەشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم. تۆتىنچى، تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى جىددىي تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم، بەشىنچى، تەبئىي گاز باھاسى مېخانىزمىنى راۋانلاشتۇرۇش لازىم. ئالتىنچى، تەبىئىي گاز ئومۇمىي كەسىپ زەنجىرىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈش مېخانىزمىنى كۈچەيتىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر