9- ئاينىڭ 6- كۈنى، كورېيە ئالاھىدە ئەلچىلەر ئۆمىكىنىڭ باش ئەلچىسى، كۆك ساراي دۆلەت ئامانلىق ساقلاش ئۆيى ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى چېڭ ئىلۇن ( ئوتتۇرىدا ) كورېيە سېئۇل كۆك ساراي ئەمىنىيە سارىيىنىڭ ئېچىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا زىيارەت نەتىجىسىنى تونۇشتۇرماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە زۇڭتۇڭى مەھكىمىسى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، كورېيە زۇڭتۇڭى مون جائىن ئەۋەتكەن پەۋقۇلئاددە ئەلچىلەر ئۆمىكى چاۋشيەننى زىيارەت قىلىش مەزگىلىدە مۇشۇ ئاينىڭ 18-چېسلادىن 20- چېسلاغىچە چاۋشيەننىڭ پايتەختى پىيوڭياڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان چاۋشيەن - كورېيە باشلىقلار ئۇچرىشىشىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىدۇ، دەپ جاكارلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى