باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى -ليەنيۈنگاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى 2020-يىلى تۇتاشتۇرۇلىدۇ

2018.09.05 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلىتىمىز «13-بەش يىللىق» پىلان مەزگىلىدە ئۈرۈمچى ـ ليەنيۈنگاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنى تۇتاشتۇرىدۇ. يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات، ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىۋېتىش تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدا ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئاشكارىلىشىچە، قاتناش ئاساسىي ئەسلىھەلىرى غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىۋېتىشنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭدىكى غول تۆمۈريول ۋە تاشيوللارنى ئاساس قىلغان ئاساسىي قاتناش تورى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ قەدىمى تېزلىتىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى - ليەنيۈنگاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى ئالتە تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا چېتىلىدىغان بولۇپ، شىنجاڭلىقلارغا ئەڭ تونۇش بولغان لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈريولى بۇ يولنىڭ غەربىدىكى بىر بۆلىكى ئىكەن. ئۇ 2014- يىلى يىل ئاخىرىدا تۇتاشتۇرۇلغان. بۇندىن باشقا يەنە ئايرىم-ئايرىم ھالدا لەنجۇ-باۋجى بۆلىكى، باۋجى-شىئەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى بۆلىكى، شىئەن-جېڭجۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى بۆلىكى، جېڭجۇ - شۈجۇ يۇقۇرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى بۆلىكى،شۈجۇ-ليەنيۈنگاڭ يۇقۇرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى بۆلىكى قاتارلىق تۆمۈر يول بۆلەكلىرىمۇ بار. يۇقىرىقى بۇ ئالتە بۆلەك يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول لىنىيەلىرى ئىچىدە، ھازىرغا قەدەر بەش تۆمۈريول بۆلىكى تۇتاشتۇرۇلدى، پەقەت ئەڭ شەرقىي بۆلىكى بولغان شۈجۇ-ليەنيۈنگاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى تېخى پۈتمىدى، ئەگەر بۇ بۆلەك يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول ئېچىلسا،ئۈرۈمچى-ليەنيۈنگاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى ئومۇمىي لىنىيەسىدە قاتناش باشلىنىدۇ.

  ليەنيۈنگاڭ-شۈجوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 180 كىلومېتىر بولۇپ، سائەتلىك سۈرئىتى 350 كىلومېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن. 2017-يىلى ئىش باشلانغان بولۇپ، 2020-يىلى پۈتۈپ قاتناش باشلاش مۆلچەرلەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ۋاقىت جەھەتتىن قارىغاندا، «13-بەش يىللىق» پىلاننىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۈرۈمچى-ليەنيۈنگاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا قاتناشنىڭ باشلىنىشى تامامەن ئەمەلگە ئاشىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر