باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە خوككايدودىكى يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 42گە يەتتى

2018.09.10 16:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە ھۆكۈمەت تەرەپ ئەمەلدارى يوشىنوبۇ كان 9-سېنتەبىر كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: خوككايدودىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە 42 ئادەم قازا قىلدى، نۆۋەتتە يەنە بىر ئادەمنىڭ ئىز-دېرىكى يوق. ساقچىلار، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ۋە ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتىدىن تەشكىللەنگەن قۇتقۇزۇش ئەترىتى ھازىر يوقاپ كەتكۈچىنى ئىزدىمەكتە.

  9-سېنتەبىر كەچكىچە، خوككايدو رايونىدا يەنىلا 2600 ئادەم پاناھلىنىش ئورنىدا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بولۇپ، 8000 ئائىلىدە سۇ توختىدى. ھازىر خوككايدو رايونىدىكى توك بىلەن تەمىنلەش ئاساسەن ئەسلىگە كەلدى، لېكىن يەر تەۋرەشتىن ئىلگىرىكى توك ئىشلىتىش يۇقىرى پەللىگە چىققان چاغدىكى ئېھتىياج سەۋىيىسىگە يەتمەيدۇ.

  خوككايدودا تۆمۈريول ۋە ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت ئەھۋالى 9-سېنتەبىر يەنىمۇ ياخشىلاندى. خوككايدودىن خونسيوغا تۇتىشىدىغان يۈك پويىزى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى، يەرلىك تۆمۈريول تىجارەت سودىگىرى ساپپورو ۋە ئارالدىكى باشقا شەھەرلەرنى تۇتاشتۇرىدىغان ئالاھىدە تېز پويىز لىنىيەسىنى ئاچتى، تەۋرەش مەركىزىگە يېقىن يېڭى چىتوسى دۆلەت ئىچى ئايرودرومىدا ھاۋا يولىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى يەر تەۋرەشتىن بۇرۇنقى سەۋىيەنىڭ %90ىگە يەتتى، خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلدى.

  شۇ يەر ۋاقتى 6-سىنتەبىر سەھەردە، ياپونىيەنىڭ خوككايدودا 6.7 بال يەر تەۋرىدى، نۇرغۇن جايدا ئىمارەتلەر ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋە تاغ گەۋدىسى سىيرىلىپ چۈشۈش يۈز بېرىپ، كەڭ كۆلەملىك سۇ، توك توختاش كۆرۈلدى، قاتناش پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر