خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3- سېنتەبىر دۆلەت يىغىن مەركىزىدە، جۇڭگو- ئافرىقا رەھبەرلىرى ۋە سودا-سانائەت ساھەسى ۋەكىللىرى يۇقىرى قاتلام سۆزلىشىش يىغىنى ۋە 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئافرىقا كارخانىچىلىرى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە «بېيىش يولىغا ئورتاق قەدەم تاشلايلى» تېمىسىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئافرىقا ئەللىرىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشقا قاتنىشىشىنى قوللايدۇ، ئافرىقا تەرەپ بىلەن ھەر تەرەپلىمە جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، سىغدۇرۇشچان، ھەممىگە نەپ يەتكۈزىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئاساسىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىنى بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىدىغان بەخت يولىغا بىرلىكتە مېڭىشنى خالايدۇ.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10لاردا، قىزغىن چاۋاكلار ئىچىدە، شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئافرىقا تەرەپ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە يىغىن زالىغا كىردى. شى جىنپىڭ رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ، ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئۈچ يىل ئىلگىرى، مەن جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جوھاننىسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىدا جۇڭگو-ئافرىقىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغان «ئون چوڭ ھەمكارلىق پىلانى»نى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم، نۆۋەتتە بۇ تەدبىرلەر مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. جۇڭگو ئافرىقا ئەللىرى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنى قۇيۇقلاشتۇرۇپ، ئافرىقىنى سانائەتلەشتۈرۈش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇش، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى، نامراتلارنى ئازايتىپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ نەتىجىلىرى ھازىر ئافرىقا خەلقىگە بەخت ياراتماقتا.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئافرىقا ئاھالىسى دۇنيا ئاھالىسىنىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئافرىقا خەلقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش − ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنىدۇر. جۇڭگو-ئافرىقا ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، ئىلگىرى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغان ياخشى قېرىنداشلار ئىدى، ھازىر ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ھەمراھلاردۇر. جۇڭگو بىلەن ئافرىقا بىر بىرىگە زىچ باغلانغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى ۋە ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى بولۇپ قالدى. جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش تارىخىي مۇساپىسىدە ئالدىنقى قاتاردا ماڭدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى