باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: بالىلارنىڭ كۆزىنى بىرلىكتە ياخشى ئاسراپ، ئۇلارنى پارلاق كەلگۈسىگە ئىگە قىلىش كېرەك

2018.08.29 15:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلىتىمىز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئەھۋالى ئېغىر بولۇش، ھەم يېشى بارغانسېرى كىچىكلىشىش يۈزلىنىشى، بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى. بۇ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر چوڭ مەسىلە، بۇنىڭغا چوقۇم يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىگە يول قويماسلىقىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا مۇنداق يوليورۇق بەردى: مائارىپ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ھەمدە ھەر قايسى جايلار، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتكۈل جەمئىيەت ھەرىكەتكە كېلىپ، بالىلارنىڭ كۆزىنى بىرلىكتە ياخشى ئاسراپ، ئۇلارنى پارلاق كەلگۈسىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلىتىمىزدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ساغلاملىقىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ئالاقىدار خىزمەتلەر توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەرگەنىدى. يېقىندا، ئالاقىدار گېزىت-ژۇرنالدا بېسىلغان«جۇڭگو ئوقۇغۇچىلىرىدا يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىر بولۇشى تېزدىن ئارىلىشىشىمىزغا موھتاج»دېگەن ماقالىنى كۆرگەندىن كېيىن، شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم يۇقىرىقى يوليورۇقنى بېرىپ، بۇ خىزمەتكە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى دۆلەت سەھىيە – ساغلاملىق كومىتېتى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بالىلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ چىقتى ھەم ئالاقىدار تارماقلار ۋە جەمئىيەتتىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالدى. لايىھەدە بالىلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنىڭ باسقۇچلۇق نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئائىلە، مەكتەپ، داۋالاش – ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى ھەم پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بالىلار، ياشلار، ئۆسمۈرلەردىكى يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش خىزمىتىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش قارار قىلىندى. لايىھە يېقىندا رەسمىي بېسىپ تارقىتىلىپ، يولغا قويۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر